21سىلەر بۇ خەلقنىڭ ئارىسىدىن نېرى تۇرۇڭلار، مەن كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلارنى يۇتۇۋېتىمەن، — دېۋىدى،
22مۇسا بىلەن ھارۇن دۈم يىقىلىپ: — ئى تەڭرىم، بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ روھلىرىنىڭ خۇداسى، بىر ئادەم گۇناھ قىلسا، غەزىپىڭنى پۈتۈن جامائەتكە چاچامسەن؟ — دېدى.
23پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: —
24سەن جامائەتكە: «سىلەر كوراھ، داتان ۋە ئابىرامنىڭ تۇرار جايلىرىدىن ئايرىلىپ ئۇلاردىن نېرى كېتىڭلار» — دەپ بۇيرۇق بەر، — دېدى.
25شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئورنىدىن تۇرۇپ داتان بىلەن ئابىرام تەرەپكە قاراپ ماڭدى؛ ئىسرائىل ئاقساقاللىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
26مۇسا جامائەتكە: — سىلەردىن ئۆتۈنىمەن، بۇ رەزىل ئادەملەرنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق كېتىڭلار، ئۇلارنىڭ بارلىق گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئۇلار بىلەن بىللە ۋەيران بولماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھېچنەرسىسىگە قول تەگكۈزمەڭلار، — دېدى.
27شۇنىڭ بىلەن جامائەت كوراھ، داتان، ئابىرامنىڭ چېدىرلىرىنىڭ تۆت ئەتراپىدىن نېرى كەتتى؛ داتان بىلەن ئابىرام بولسا ئۆز ئاياللىرىنى، ئوغۇل-قىزلىرىنى ۋە بوۋاقلىرىنى ئېلىپ چىقىپ ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇردى.