Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 16

چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 16:16-39

Help us?
Click on verse(s) to share them!
16مۇسا كوراھقا‫‪:‬‬ — ئەتە سەن ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر — سەن، ئۇلار ۋە ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىڭلار.
17ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى ئەكىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇشبۇينى سېلىڭلار؛ ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى، يەنى جەمئىي ئىككى يۈز ئەللىك خۇشبۇيداننى ئېلىپ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇتۇپ تۇرۇڭلار؛ سەنمۇ، ھارۇنمۇ ھەربىرىڭلار ئۆز خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار، — دېدى.
18شۇنىڭ بىلەن ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ خۇشبۇيدانىنى ئېلىپ، ئوتنى يېقىپ، خۇشبۇي سېلىپ، مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇشتى.
19كوراھ مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھۇجۇم قىلغىلى پۈتۈن جامائەتنى يىغىپ جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىۋىدى، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى پۈتكۈل جامائەتكە ئايان بولدى.
20پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ‫‪:‬‬ —
21سىلەر بۇ خەلقنىڭ ئارىسىدىن نېرى تۇرۇڭلار، مەن كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلارنى يۇتۇۋېتىمەن، — دېۋىدى،
22مۇسا بىلەن ھارۇن دۈم يىقىلىپ‫‪:‬‬ — ئى تەڭرىم، بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ روھلىرىنىڭ خۇداسى، بىر ئادەم گۇناھ قىلسا، غەزىپىڭنى پۈتۈن جامائەتكە چاچامسەن؟ — دېدى.
23پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ‫‪:‬‬ —
24سەن جامائەتكە‫‪:‬‬ «سىلەر كوراھ، داتان ۋە ئابىرامنىڭ تۇرار جايلىرىدىن ئايرىلىپ ئۇلاردىن نېرى كېتىڭلار» — دەپ بۇيرۇق بەر، — دېدى.
25شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئورنىدىن تۇرۇپ داتان بىلەن ئابىرام تەرەپكە قاراپ ماڭدى؛ ئىسرائىل ئاقساقاللىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
26مۇسا جامائەتكە‫‪:‬‬ — سىلەردىن ئۆتۈنىمەن، بۇ رەزىل ئادەملەرنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق كېتىڭلار، ئۇلارنىڭ بارلىق گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئۇلار بىلەن بىللە ۋەيران بولماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھېچنەرسىسىگە قول تەگكۈزمەڭلار، — دېدى.
27شۇنىڭ بىلەن جامائەت كوراھ، داتان، ئابىرامنىڭ چېدىرلىرىنىڭ تۆت ئەتراپىدىن نېرى كەتتى؛ داتان بىلەن ئابىرام بولسا ئۆز ئاياللىرىنى، ئوغۇل‫‪‎-‎‬‬قىزلىرىنى ۋە بوۋاقلىرىنى ئېلىپ چىقىپ ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇردى.
28مۇسا‫‪:‬‬ — بۇنىڭدىن سىلەر شۇنى بىلىسىلەركى، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ كۆڭلۈمدىن چىققان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار مېنى ئۇلارنى ئادا قىلىشقا ئەۋەتكەن‫‪:‬‬
29— ئەگەر بۇ ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمىگە ئوخشاش بولىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان قىسمەتلەر ئادەتتىكى ئادەملەر دۇچار بولىدىغان قىسمەتلەرگە ئوخشاش بولىدىغان بولسا، پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتمىگەن بولاتتى.
30ئەگەر پەرۋەردىگار يېڭى بىر ئىشنى قىلىپ، يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن نەرسىسىنى يۇتۇپ كېتىشى بىلەن، ئۇلار تىرىكلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كەتسە، ئۇ چاغدا سىلەر بۇ ئادەملەرنىڭ پەرۋەردىگارنى مەنسىتمىگەنلىكىنى بىلىپ قالىسىلەر، — دېدى.
31مۇسانىڭ بۇ گېپى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا ئۇلارنىڭ پۇتى ئاستىدىكى يەر يېرىلدى.
32يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى بارلىق ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن، شۇنىڭدەك كوراھقا تەۋە ھەممە ئادەملەرنى قويماي تەئەللۇقاتلىرى بىلەن قوشۇپ يۇتۇپ كەتتى.
33شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ تەۋەسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تىرىكلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كەتتى، يەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يېپىلدى. ئۇلار شۇ يول بىلەن جامائەتنىڭ ئارىسىدىن يوقالدى.
34ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ئىسرائ‍ىللارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلاپ‫‪:‬‬ «يەر بىزنىمۇ يۇتۇپ كېتەرمىكىن!» دېيىشىپ قېچىشتى.
35ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن بىر ئوت چىقىپ، خۇشبۇي سۇنۇۋاتقان ھېلىقى ئىككى يۈز ئەللىك ئادەمنىمۇ يۇتۇپ كەتتى.
36پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ —
37سەن كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارغا بۇيرۇغىن، ئۇ خۇشبۇيدانلارنى ئوت ئارىسىدىن تېرىۋېلىپ، چوغلىرىنى يىراقلارغا چېچىۋەتسۇن، چۈنكى ئۇ خۇشبۇيدانلار خۇداغا ئاتالغاندۇر؛
38شۇڭا ئۆزىنىڭ جېنىغا ئۆزى زامىن بولغان گۇناھكارلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىنى تېرىۋالغىن؛ ئۇلار قۇربانگاھنى قاپلاش ئۈچۈن سوقۇپ نېپىز تۈنىكە قىلىنسۇن، چۈنكى بۇ خۇشبۇيدانلار ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلۇپ ئۇنىڭغا ئاتالىپ مۇقەددەس قىلىنغان. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كېيىن ئىسرائ‍ىللارغا ئىبرەت بولىدىغان ئىشارەت‫‪‎-‎‬‬بەلگە بولىدۇ.
39شۇنىڭ بىلەن كاھىن ئەلىئازار ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلەر سۇنغان مىس خۇشبۇيدانلارنى تېرىۋالدى؛ ئۇلار قۇربانگاھنى قاپلىتىشقا نېپىز تۈنىكە قىلىپ سوقۇلدى.

Read چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 16چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 16
Compare چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 16:16-39چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 16:16-39