Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 15

چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 15:9-25

Help us?
Click on verse(s) to share them!
9ئۇنداقتا تورپاققا ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە يېرىم ھىن زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچىنى،
10شاراب ھەدىيە سۈپىتىدە يېرىم ھىن شارابنى قوشۇپ سۇنغىن؛ بۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ ئوتتا سۇنۇلۇپ، خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ كەلتۈرۈلسۇن.
11ھەربىر سۇنۇلغان تورپاق، قوچقار، قوزا ياكى ئوغلاققا نىسبەتەن مۇشۇنداق قىلىنسۇن.
12سىلەر سۇنىدىغىنىڭلارنىڭ سانى بويىچە، ھەرخىل قۇربانلىقنىڭ سانىغا قاراپ شۇنداق قىلىسىلەر.
13شۇ زېمىندا تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ، ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق قىلماقچى بولسا ئەنە شۇنداق قىلسۇن.
14شۇنىڭدەك سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر ياكى ئەۋلادمۇ‫‪‎-‎‬‬ئەۋلاد سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقانلار بولسا، خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، سىلەر قانداق قىلغان بولساڭلار، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلسۇن.
15پۈتكۈل جامائەتكە، مەيلى سىلەر بولۇڭلار ياكى سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ھەممىڭلار ئۈچۈن ئوخشاش بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ سىلەر ئۈچۈن دەۋرمۇ‫‪‎-‎‬‬دەۋر ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئالدىدا سىلەر قانداق بولساڭلار، مۇساپىرلارمۇ شۇنداقتۇر.
16سىلەرگىمۇ، ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغىمۇ ئوخشاش بىر قانۇن‫‪‎-‎‬‬بەلگىلىمە، ئوخشاش بىر ھۆكۈم بولسۇن.
17پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ —
18سەن ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ — «سىلەر مەن سىلەرنى ئەكىرىدىغان زېمىنغا يېتىپ بارغاندا،
19شۇ يەردىن چىققان ئاشلىقنى يەيدىغان چېغىڭلاردا، پەرۋەردىگارغا بىر «كۆتۈرمە ھەدىيە» تەقدىم قىلىڭلار.
20سىلەر ھەربىر يېڭى خېمىردىن پىشقان نانلاردىن بىرىنى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ تەقدىم قىلىڭلار؛ سىلەر ئۇنى تەقدىم قىلغاندا خۇددى خاماننىڭ «كۆتۈرمە ھەدىيە»سىگە ئوخشاش بولسۇن.
21دەۋردىن‫‪‎-‎‬‬دەۋرگە سىلەر دەسلەپكى ھوسۇلدىن چىققان خېمىردىن بىر ناننى «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا سۇنۇڭلار.
22ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلار بىلمەي ئېزىپ گۇناھ قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغان بۇ بارلىق ئەمىرلىرىگە ئەمەل قىلمىغان بولساڭلار،
23يەنى پەرۋەردىگار بۇيرۇغان كۈندىن ئېتىبارەن بارلىق ئەۋلادلىرىڭلارغىچە پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئىشلىرىغا ئەمەل قىلمىغان بولساڭلار،
24جامائەت شۇنداق بىرەر گۇناھنىڭ بىلمەي ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن خەۋەرسىز بولسا، ئۇنداقتا پۈتكۈل جامائەت پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ ياش بىر تورپاقنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنسۇن ھەمدە قائىدە‫‪‎-‎‬‬نىزام بويىچە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاشلىق ھەدىيە بىلەن شاراب ھەدىيەنى قوشۇپ سۇنسۇن، ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تېكىنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن.
25شۇ يول بىلەن كاھىن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ، بۇ گۇناھ ئۇلاردىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ چۈنكى بۇ بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھ ۋە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق، يەنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ۋە گۇناھ قۇربانلىقىنى بىرلىكتە پەرۋەردىگار ئالدىغا سۇنغان.

Read چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 15چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 15
Compare چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 15:9-25چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 15:9-25