29بىلمەي بىرەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويغان بارلىق كىشىلەرگە، مەيلى شۇ زېمىندا تۇغۇلغان ئىسرائىللار بولسۇن ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا بولسۇن، — سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئوخشاش بىر قانۇن-بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
30لېكىن يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ ئىش كۆرگەن كىشى، مەيلى ئۇ زېمىندا تۇغۇلغان بولسۇن ياكى مۇساپىر بولسۇن، پەرۋەردىگارغا ھاقارەت كەلتۈرگەن بولىدۇ؛ ئۇ ھامان ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.