Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 15

چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 15:18-32

Help us?
Click on verse(s) to share them!
18سەن ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ — «سىلەر مەن سىلەرنى ئەكىرىدىغان زېمىنغا يېتىپ بارغاندا،
19شۇ يەردىن چىققان ئاشلىقنى يەيدىغان چېغىڭلاردا، پەرۋەردىگارغا بىر «كۆتۈرمە ھەدىيە» تەقدىم قىلىڭلار.
20سىلەر ھەربىر يېڭى خېمىردىن پىشقان نانلاردىن بىرىنى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ تەقدىم قىلىڭلار؛ سىلەر ئۇنى تەقدىم قىلغاندا خۇددى خاماننىڭ «كۆتۈرمە ھەدىيە»سىگە ئوخشاش بولسۇن.
21دەۋردىن‫‪‎-‎‬‬دەۋرگە سىلەر دەسلەپكى ھوسۇلدىن چىققان خېمىردىن بىر ناننى «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا سۇنۇڭلار.
22ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلار بىلمەي ئېزىپ گۇناھ قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغان بۇ بارلىق ئەمىرلىرىگە ئەمەل قىلمىغان بولساڭلار،
23يەنى پەرۋەردىگار بۇيرۇغان كۈندىن ئېتىبارەن بارلىق ئەۋلادلىرىڭلارغىچە پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئىشلىرىغا ئەمەل قىلمىغان بولساڭلار،
24جامائەت شۇنداق بىرەر گۇناھنىڭ بىلمەي ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن خەۋەرسىز بولسا، ئۇنداقتا پۈتكۈل جامائەت پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ ياش بىر تورپاقنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنسۇن ھەمدە قائىدە‫‪‎-‎‬‬نىزام بويىچە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاشلىق ھەدىيە بىلەن شاراب ھەدىيەنى قوشۇپ سۇنسۇن، ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تېكىنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن.
25شۇ يول بىلەن كاھىن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ، بۇ گۇناھ ئۇلاردىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ چۈنكى بۇ بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھ ۋە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق، يەنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ۋە گۇناھ قۇربانلىقىنى بىرلىكتە پەرۋەردىگار ئالدىغا سۇنغان.
26بۇ گۇناھ پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ ھەممىسىدىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، چۈنكى بۇ پۈتكۈل خەلق بىلمەي تۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھتۇر.
27ئەگەر بىر كىشى بىلمەستىن گۇناھ قىلىپ قويغان بولسا، ئۇ بىر ياشلىق بىر چىشى ئوغلاقنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن.
28كاھىن شۇ يول بىلەن بىلمەي گۇناھ قىلىپ قويغان ئادەم ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرسە ئۇنىڭ پەرۋەردىگار ئالدىدا بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
29بىلمەي بىرەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويغان بارلىق كىشىلەرگە، مەيلى شۇ زېمىندا تۇغۇلغان ئىسرائ‍ىللار بولسۇن ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا بولسۇن، — سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئوخشاش بىر قانۇن‫‪‎-‎‬‬بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
30لېكىن يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ ئىش كۆرگەن كىشى، مەيلى ئۇ زېمىندا تۇغۇلغان بولسۇن ياكى مۇساپىر بولسۇن، پەرۋەردىگارغا ھاقارەت كەلتۈرگەن بولىدۇ؛ ئۇ ھامان ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
31ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى مەنسىتمىگەنىكەن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانىكەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ چوقۇم ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ گۇناھى ئۆزىنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.
32ئىسرائ‍ىللار چۆل‫‪‎-‎‬‬جەزىرىدىكى ۋاقىتلىرىدا، بىر كىشىنىڭ شابات كۈنىدە ئوتۇن تەرگەنلىكى بايقالدى.

Read چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 15چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 15
Compare چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 15:18-32چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 15:18-32