15ئەمدى سەن بۇ خەلقنى خۇددى بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرۈۋەتسەڭ، سېنىڭ نام-شۆھرىتىڭنى ئاڭلىغان ئەللەرنىڭ ھەممىسى:
16«پەرۋەردىگار بۇ خەلقنى ئۆزى ئۇلارغا بېرىشكە قەسەم قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، شۇڭا ئۇلارنى ئەشۇ چۆل-جەزىرىدە ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ» دەپ قالىدۇ.
17ئەمدى ئۆتۈنىمەنكى، رەببىم قۇدرىتىڭنى جارى قىلدۇرغايسەن، ئۆزۈڭنىڭ:
18«پەرۋەردىگار ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدۇ، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى تېشىپ تۇرىدۇ؛ ئۇ گۇناھ ۋە ئىتائەتسىزلىكنى كەچۈرىدۇ، لېكىن گۇناھكارلارنى ھەرگىز گۇناھسىز دەپ قارىمايدۇ، ئاتىلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئاتىسىدىن بالىسىغىچە، ھەتتا نەرۋە-چەۋرىلىرىگىچە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەيدۇ» دېگىنىڭدەك قىلغايسەن.
19مېھرىي-شەپقىتىڭنىڭ كەڭرىلىكى بويىچە، مىسىردىكى چاغدىن تاكى ھازىرغىچە دائىم كەچۈرۈپ كەلگىنىڭدەك، بۇ خەلقنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرگەيسەن!».