9بىنيامىن قەبىلىسىدىن رافۇنىڭ ئوغلى پالتى،
10زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن سودىنىڭ ئوغلى گاددىيەل،
11يۈسۈپ قەبىلىسىدىن، يەنى ماناسسەھ قەبىلىسىدىن سۇسىنىڭ ئوغلى گاددى،
12دان قەبىلىسىدىن گىماللىنىڭ ئوغلى ئاممىيەل،
13ئاشىر قەبىلىسىدىن مىكائىلنىڭ ئوغلى سەتۇر،
14نافتالى قەبىلىسىدىن ۋوفسىنىڭ ئوغلى ناھبى،
15گاد قەبىلىسىدىن ماكىنىڭ ئوغلى گېئۇئەل.
16مانا بۇلار مۇسا چارلاپ كېلىڭلار دەپ قانائان زېمىنىغا ئەۋەتكەن ئادەملەرنىڭ ئىسمى. مۇسا نۇننىڭ ئوغلى ھوشىيانى يەھوشۇيا دەپ ئاتىدى.
17مۇسا ئۇلارنى چارلاپ كېلىشكە قانائانغا سەپەرۋەر قىلىپ: — سىلەر مۇشۇ يەردىن نەگەۋ چۆلى تەرەپكە قاراپ مېڭىڭلار، ئاندىن تاغلىق رايونغا چىقىڭلار.
18ئۇ يەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردىكىلەرنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى، ئاز ياكى كۆپلۈكىنى كۆرۈپ بېقىڭلار؛