Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 13

چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 13:26-32

Help us?
Click on verse(s) to share them!
26ئۇلار كېلىپ، پاران چۆللۈكىدىكى قادەشتە مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلار ئىككىيلەنگە ھەم پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە مەلۇمات بەردى ھەم زېمىننىڭ مېۋىلىرىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى.
27ئۇلار مۇساغا مەلۇمات بېرىپ‫‪:‬‬ — بىز ئۆزلىرى بېرىڭلار دېگەن يەرلەرگە باردۇق، راستتىنلا سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان يەر ئىكەن، مانا بۇلار شۇ يەرنىڭ مېۋىلىرى.
28بىراق ئۇ يەردىكىلەر بەك كۈچتۈڭگۈر ئىكەن، شەھەرلەر سېپىللىق بولۇپ ھەم پۇختا‫‪‎-‎‬‬ھەيۋەتلىك ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىز ئۇ يەردە ئاناقىيلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇ كۆردۇق.
29ئامالەكلەر جەنۇب تەرەپتە تۇرىدىكەن؛ ھىتتىيلار، يەبۇسىيلار، ئامورىيلار تاغلاردا تۇرىدىكەن؛ قانائانىيلار دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئىئوردان دەرياسى بويلىرىدا تۇرىدىكەن، — دېدى.
30كالەب مۇسانىڭ ئالدىدا كۆپچىلىكنى تىنچىتىپ‫‪:‬‬ — بىز دەرھال ئاتلىنىپ بېرىپ ئۇ يەرنى ئىگىلەيلى! چۈنكى بىز چوقۇم غالىپ كېلىمىز — دېدى.
31لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىققان باشقىلار بولسا‫‪:‬‬ — ئۇلار بىزدىن كۈچلۈك ئىكەن، شۇڭا ئۇلارغا ھۇجۇم قىلساق بولمايدۇ، — دېيىشتى.
32ئاندىن چارلىغۇچىلار ئۆزلىرى چارلاپ كەلگەن زېمىننىڭ ئەھۋالىدىن ئىسرائ‍ىللارغا يامان مەلۇمات بېرىپ‫‪:‬‬ — بىز كىرىپ چارلاپ ئۆتكەن زېمىن بولسا ئۆز ئاھالىسىنى يەيدىغان زېمىن ئىكەن؛ بىز ئۇ يەردە كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى يوغان ئادەملەر ئىكەن.

Read چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 13چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 13
Compare چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 13:26-32چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 13:26-32