Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 11

چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 11:20-35

Help us?
Click on verse(s) to share them!
20بەلكى پۈتۈن بىر ئاي يەيسىلەر، تاكى بۇرنىڭلاردىن ئېتىلىپ چىقىپ ھۆ بولغۇچە يەيسىلەر؛ چۈنكى سىلەر ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنى مەنسىتمەي، ئۇنىڭ ئالدىدا يىغلاپ تۇرۇپ‫‪:‬‬ «بىز نېمە ئۈچۈن مىسىردىن چىقتۇق؟» — دېدىڭلار».
21مۇسا‫‪:‬‬ — مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان بۇ خەلقتىن يولغا چىقالايدىغان ئەركەكلەر ئالتە يۈز مىڭ تۇرسا، سەن تېخى‫‪:‬‬ «مەن ئۇلارنى گۆش يەيدىغان، ھەتتا پۈتۈن بىر ئاي گۆش يەيدىغان قىلىمەن» دەيسەن؛
22ئەمىسە قوي، كالا پادىلىرىنىڭ ھەممىسى سويۇلسا ئۇلارغا يېتەمدۇ؟ ياكى دېڭىزدىكى ھەممە بېلىق ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ يىيىشىگە يىتەرمۇ؟ — دېدى.
23شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا‫‪:‬‬ — پەرۋەردىگارنىڭ قولى قىسقا بولۇپ قاپتىمۇ؟ ئەمدى كۆرۈپ باققىنە، مېنىڭ ساڭا دېگەن سۆزۈم ئەمەلگە ئاشۇرۇلامدۇ‫‪‎-‎‬‬يوق؟ — دېدى.
24شۇنىڭ بىلەن مۇسا چىقىپ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى خەلققە يەتكۈزدى ۋە خەلق ئىچىدىكى ئاقساقاللاردىن يەتمىش ئادەمنى تاللاپ يىغىپ ئۇلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئەتراپىدا تۇرغۇزدى.
25ئاندىن پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدىن چۈشۈپ، مۇسا بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنىڭدىكى روھتىن ئېلىپ يەتمىش ئاقساقالغا قويدى؛ روھ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قونۇشى بىلەن ئۇلار بېشارەت بېرىشكە كىرىشتى. لېكىن شۇ ۋاقىتتىن كېيىن ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى.
26لېكىن ئۇ چاغدا ئۇلاردىن ئىككى ئادەم بارگاھتا قالدى؛ بىرسىنىڭ ئىسمى ئەلداد، ئىككىنچىسى مېداد ئىدى ‹ئۇلار ئەسلىدە ئاقساقاللارنىڭ ئارىسىدا تىزىملانغانىدى، لېكىن ئىبادەت چېدىرىغا چىقماي قالغانىدى›. روھ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىمۇ قوندى ۋە ئۇلار بارگاھ ئىچىدە بېشارەت بېرىشكە باشلىدى.
27ياش بىر يىگىت يۈگۈرۈپ كېلىپ مۇساغا‫‪:‬‬ — ئەلداد بىلەن مېداد بارگاھتا بېشارەت بېرىۋاتىدۇ، — دېدى.
28مۇسانىڭ خىزمەتكارى، مۇسا تاللىغان سەرخىل يىگىتلىرىدىن بىرى، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا قوپۇپ‫‪:‬‬ — ئى خوجام مۇسا، ئۇلارنى توسۇغايلا، — دېدى.
29لېكىن مۇسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ — سەن مېنىڭ سەۋەبىمدىن ھەسەت قىلىۋاتامسەن؟ پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن خەلقى پەيغەمبەر بولۇپ كەتسە ئىدى، پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ روھىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قويسا ئىدى! — دېدى.
30شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسى بارگاھقا قايتىپ كېتىشتى.
31ئەمدى پەرۋەردىگار ئالدىدىن بىر شامال چىقىپ، ئۇ دېڭىز تەرەپتىن بۆدۈنىلەرنى ئۇچۇرتۇپ كېلىپ، بارگاھنىڭ ئەتراپىغا يېيىۋەتتى؛ بۆدۈنىلەر بارگاھنىڭ ئۇ تەرىپىدىمۇ بىر كۈنلۈك يول، بۇ تەرىپىدىمۇ بىر كۈنلۈك يول كەلگۈدەك يەر يۈزىنى ئىككى گەز ئېگىزلىكتە كەلگۈدەك قاپلىدى.  
32خەلق ئورنىدىن تۇرۇپ پۈتكۈل شۇ كۈنى، شۇ كېچىسى ۋە ئەتىسى پۈتۈن كۈن بۆدۈنە تۇتۇپ يىغدى، ئەڭ ئاز دېگەنلىرىمۇ ئالاھازەل ئىككى خومىر يىغدى؛ ئۇلار بۇلارنى بارگاھنىڭ تۆت ئەتراپىغا ئۆزلىرى ئۈچۈن يېيىشتى.
33ئۇلار گۆشنى چايناپ ئېزىپ بولماي، گۆش تېخى چىشلىرى ئارىسىدا تۇرغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۇلارغا قوزغىلىپ، خەلقنى ئىنتايىن ئېغىر بىر ۋابا بىلەن ئۇردى.  
34شۇڭا كىشىلەر شۇ يەرنى «قىبروت‫‪‎-‎‬‬ھاتتاۋاھ» دەپ ئاتىدى؛ چۈنكى ئۇلار شۇ يەردە نەپسى تاقىلدىغان كىشىلەرنى يەرلىككە قويغانىدى.
35كېيىن خەلق قىبروت‫‪‎-‎‬‬ھاتتاۋاھتىن يولغا چىقىپ ھازىروتقا كېلىپ، ھازىروتتا توختىدى.

Read چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 11چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 11
Compare چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 11:20-35چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 11:20-35