8لېكىن ئۇلار يازدا يىلنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئاش توپلىۋالىدۇ، ھوسۇل پەسلىدە ئوزۇق تەييارلىۋالىدۇ.
9ئى ھۇرۇن، قاچانغىچە ئۇخلاپ ياتىسەن؟ قاچان ئورنۇڭدىن تۇرىسەن؟
10سەن: ــ بىردەم كۆز يۇمۇۋالاي، بىردەم ئۇخلىۋالاي، بىردەم قولۇمنى قوشتۇرۇپ يېتىۋالاي، ــ دەيسەن.
11لېكىن ئۇخلاپ ياتقاندا، مىسكىنلىك قاراقچىدەك كېلىپ سېنى باسىدۇ، يوقسۇللۇق خۇددى قوراللىق بۇلاڭچىدەك ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ.
12ئەرزىمەس، پەيلى بۇزۇق ئادەم ھەممىلا يەردە يالغان ئېيتىپ، پەسلىكنى سۆزلەيدۇ.