Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 3

پەند-نەسىھەتلەر 3:6-30

Help us?
Click on verse(s) to share them!
6قانداقلا ئىش قىلساڭ، پەرۋەردىگارنى تونۇشقا ئىنتىل؛ ئۇ ساڭا توغرا يوللارنى كۆرسىتىدۇ.  
7ئۆزۈڭنى ئەقىللىق سانىما؛ پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، يامانلىقتىن يىراق بول.
8شۇنداق قىلغىنىڭدا، بۇ ئىشلار دەردىڭگە دەرمان، ئۇستىخانلىرىڭغا يىلىك بولىدۇ.
9پەرۋەردىگارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ مال‫‪‎-‎‬‬دۇنيايىڭدىن ھەدىيەلەرنى سۇنغىن، ئېتىزىڭدىن تۇنجى چىققان مەھسۇلاتلىرىڭدىن ئۇنىڭغا ئاتىغىن؛
10شۇنداق قىلغىنىڭدا، ئامبارلىرىڭ ئاشلىققا تولۇپ تاشىدۇ، شاراب كۆلچەكلىرىڭدە يېڭى شاراب ئېشىپ‫‪‎-‎‬‬تېشىپ تۇرىدۇ.
11ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە بىپەرۋالىق قىلما، ئۇنىڭ تەنبىھىدىن بەزمە.
12چۈنكى، ئاتا ئەزىز كۆرگەن ئوغلىغا تەنبىھ‫‪‎-‎‬‬تەربىيە بەرگەندەك، پەرۋەردىگار كىمنى سۆيگەن بولسا ئۇنىڭغا تەنبىھ‫‪‎-‎‬‬تەربىيە بېرىدۇ.
13دانالىققا مۇيەسسەر بولغان كىشى، يورۇقلۇققا ئىگە بولغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك‫‪‎-‎‬‬ھە!
14چۈنكى دانالىقنىڭ پايدىسى كۈمۈشنىڭ پايدىسىدىن كۆپتۇر، قىممىتى ساپ ئالتۇننىڭكىدىنمۇ زىيادىدۇر.
15ئۇ لەئەل‫‪‎-‎‬‬ياقۇتلاردىن قىممەتلىكتۇر، ئىنتىزار بولغان ھەرقانداق نەرسەڭدىن ھېچبىرىمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كەلمەستۇر.
16دانالىقنىڭ ئوڭ قولىدا ئۇزۇن ئۆمۈر، سول قولىدا بايلىق ۋە شۆھرەت باردۇر.
17ئۇنىڭ يوللىرى ساڭا خۇش پۇراق تۇيۇلۇر، ئۇنىڭ بارلىق تەرىقىلىرى سېنى ئارام تاپقۇزۇر.
18ئۇ ئۆزىنى تاپقان ئادەمگە «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر، ئۇنى چىڭ تۇتقان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك!
19پەرۋەردىگار دانالىق بىلەن يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىننى بەرپا قىلدى، ھېكمەت بىلەن ئاسماننى ئورناتتى.
20ئۇنىڭ بىلىمى بىلەن يەرنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرى يېرىلدى، ھەمدە بۇلۇتلاردىن شەبنەم چۈشتى.  
21ئى ئوغلۇم! دانالىق بىلەن بىلىمنى كۆزۈڭدىن چىقارما، پىشقان ھېكمەت ۋە پەم‫‪‎-‎‬‬پاراسەتنى چىڭ تۇت.
22شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جېنىڭغا جان قوشىدۇ، بوينۇڭغا ئېسىلغان ئېسىل مارجاندەك ساڭا گۈزەللىك قوشىدۇ.
23شۇ چاغدا يولۇڭدا ئامان‫‪‎-‎‬‬ئېسەن ماڭالايسەن، يولدا پۇتلاشمايسەن.
24ياتقاندا ھېچ نېمىدىن قورقمايسەن، يېتىشىڭ بىلەنلا تاتلىق ئۇخلايسەن.
25بېشىڭغا دەھشەتلىك ۋەھىمە چۈشكەندە قورقمىغىن، رەزىللەرنىڭ ۋەيرانچىلىقىدىن غەم قىلمىغىن!  
26چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ تايانچىڭدۇر، ئۇ پۇتۇڭنى قاپقانلاردىن نېرى قىلىدۇ.
27پەقەت قولۇڭدىن كەلسىلا، ھاجەتمەنلەردىن ياخشىلىقنى ئايىمىغىن.
28قولۇم‫‪‎-‎‬‬قوشنىلىرىڭ سېنىڭدىن ئۆتنە سوراپ كىرسە، «قايتىپ كېتىپ، ئەتە كەلگىن، ئەتە بېرەي» ــ دېمىگىن.
29قوشناڭغا زىيانكەشلىك نىيىتىدە بولما، چۈنكى ئۇ ساڭا ئىشىنىپ يېنىڭدا خاتىرجەم ياشايدۇ.
30بىرسى ساڭا زىيان يەتكۈزمىگەن بولسا، ئۇنىڭ بىلەن سەۋەبسىز ماجىرالاشما.

Read پەند-نەسىھەتلەر 3پەند-نەسىھەتلەر 3
Compare پەند-نەسىھەتلەر 3:6-30پەند-نەسىھەتلەر 3:6-30