Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 31

پەند-نەسىھەتلەر 31:7-16

Help us?
Click on verse(s) to share them!
7ئۇلار شارابنى ئىچىپ، مىسكىنلىكىنى ئۇنتۇپ، قايتىدىن دەرد‫‪‎-‎‬‬ئەلىمىنى ئېسىگە كەلتۈرمىسۇن!
8ئۆزلىرى ئۈچۈن گەپ قىلالمايدىغانلارغا ئاغزىڭنى ئاچقىن، ھالاك بولاي دېگەنلەرنىڭ دەۋاسىدە گەپ قىل.
9سۈكۈت قىلما، ئۇلار ئۈچۈن لىللا ھۆكۈم قىل، ئېزىلگەنلەرنىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بول.
10א پەزىلەتلىك ئايالنى كىم تاپالايدۇ؟ ئۇنىڭ قىممىتى لەئەل‫‪‎-‎‬‬ياقۇتلاردىنمۇ زور ئېشىپ چۈشىدۇ.  
11ב ئېرىنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭغا تايىنىپ خاتىرجەم تۇرىدۇ، ئۇ بولغاچقا ئېرىنىڭ ئالغان ئولجىسى كەم ئەمەستۇر!
12ג ئۇ ئۆمۈر بويى ئېرىگە ۋاپادار بولۇپ ياخشىلىق قىلىدۇ، ئۇنى زىيانغا ئۇچراتمايدۇ.
13ד ئۇ قوي يۇڭى ۋە كەندىر تېپىپ، ئۆز قولى بىلەن جان دەپ ئەجىر قىلىدۇ.
14ה ئۇ سودا كېمىلىرىگە ئوخشاش، ئائىلىنى بېقىشتىكى ئوزۇق‫‪‎-‎‬‬تۈلۈكلەرنى يىراق جايلاردىن توشۇيدۇ.
15ו‫‪:‬‬ تاڭ يورۇماستا ئۇ ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەرگە يېمەكلىك تەييارلايدۇ، خىزمەتكار‫‪‎-‎‬‬دېدەكلەرگە نېسىۋىسىنى تەقسىم قىلىدۇ.
16ז ئۇ بىر پارچە ئېتىزنى ئۆزى كۆرۈپ ئالىدۇ؛ قولى بىلەن يىغقان دارامەتتىن ئۇ بىر ئۈزۈمزار بىنا قىلىدۇ.

Read پەند-نەسىھەتلەر 31پەند-نەسىھەتلەر 31
Compare پەند-نەسىھەتلەر 31:7-16پەند-نەسىھەتلەر 31:7-16