3كۈچ-قۇۋۋىتىڭنى ئايال-خوتۇنلار تەرىپىگە سەرپ قىلمىغىن؛ ياكى پادىشاھلارنىمۇ ۋەيران قىلىدىغان ئىشلارغا بېرىلگۈچى بولما!
4ئى لەمۇئەل، شاراب ئىچىش پادىشاھلارغا لايىق ئەمەس، ئەمىرلەرگىمۇ ھاراققا خۇمار بولۇش ياراشماس.
5بولمىسا ئۇلار شاراب ئىچىپ، مۇقەددەس بەلگىلىمىلەرنى ئۇنتۇپ، بوزەك بەندىلەرنىڭ ھەققىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىشى مۇمكىن.
6كۈچلۈك ھاراق ئۆلگۈسى كەلگەنلەرگە، ھەسرەتكە چۆمگەنلەرگە بېرىلسۇن!