Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 31

پەند-نەسىھەتلەر 31:18-28

Help us?
Click on verse(s) to share them!
18ט ئۆز ئىشىنىڭ پايدىلىقلىقىغا كۆزى يېتەر، كېچىچە چىرىغىنى ئۆچۈرمەي ئىش قىلار.
19י ئۇ قوللىرى بىلەن چاقنى چۆرەر، بارماقلىرى يىپ ئۇرچۇقىنى تۇتار.
20כ ئاجىزلارغا ياردەم قولىنى ئۇزىتار؛ ھاجەتمەنلەرگە قوللىرىنى سوزار.
21ל قار ياغقاندا ئۇ ئائىلىسى توغرۇلۇق ئەندىشە قىلمايدۇ، ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قىزىل كىيىملەر كىيدۈرۈلگەن.
22מ كارىۋات ياپقۇچلىرىنى ئۆزى توقۇيدۇ؛ ئۆزىنىڭ كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەكلىرى كاناپ ۋە سۆسۈن رەختتىندۇر.
23נ ئېرىنىڭ شەھەر دەرۋازىلىرىدا ئابرۇيى بار؛ شۇ يەردە ئۇ يۇرتتىكى ئاقساقاللار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
24ס ئۇ نەپىس كاناپتىن كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەك تىكىپ ئۇنى ساتىدۇ؛ بەلۋاغلارنى تىكىپ سودىگەرلەرنى تەمىنلەيدۇ.
25ע كىيىمى كۈچ‫‪‎-‎‬‬قۇدرەت ۋە ئىززەت‫‪‎-‎‬‬ھۆرمەتتۇر؛ ئۇ كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن كۈلۈپ قارايدۇ.
26פ ئاغزىنى ئاچسىلا، دانا سۆز قىلىدۇ، تىلىدا مېھرىبانە نەسىھەتلەر بار.
27צ ئائىلىسىدىكى ئىشلاردىن دائىم خەۋەر ئالىدۇ، بىكارغا نان يېمەيدۇ.
28ק پەرزەنتلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا بەخت‫‪‎-‎‬‬بەرىكەت تىلەيدۇ؛ ئېرىمۇ مۇبارەكلەپ ئۇنى ماختاپ‫‪:‬‬ ــ

Read پەند-نەسىھەتلەر 31پەند-نەسىھەتلەر 31
Compare پەند-نەسىھەتلەر 31:18-28پەند-نەسىھەتلەر 31:18-28