Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 30

پەند-نەسىھەتلەر 30:26-33

Help us?
Click on verse(s) to share them!
26سۇغۇرلار ئۆزى ئاجىز بىر قوۋم بولسىمۇ، خادا تاشلارنىڭ ئارىسىغا ئۇۋا سالىدۇ؛
27چېكەتكىلەرنىڭ پادىشاھى بولمىسىمۇ، لېكىن قاتار تىزىلىپ رەتلىك ماڭىدۇ؛
28كەسلەنچۈكنى قول بىلەن تۇتۇۋالغىلى بولىدۇ، لېكىن خان ئوردىلىرىدا ياشايدۇ.
29قەدەملىرى ھەيۋەتلىك ئۈچ جانىۋار بار، كىشىگە زوق بېرىپ ماڭىدىغان تۆت نەرسە بار‫‪:‬‬ ــ
30ھايۋاناتلار ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك، ھېچ نېمىدىن قورقماس شىر،
31زىلۋا بەيگە ئىتى، تېكە، ۋە پۇقرالىرى قوللايدىغان پادىشاھدۇر.  
32ئەگەر سەن ئەخمەقلىك قىلىپ ئۆزۈڭنى بەك يۇقىرى ئورۇنغا قويۇۋالغان بولساڭ، ۋە ياكى تەلۋە بىر ئويدا بولغان بولساڭ، قولۇڭ بىلەن ئاغزىڭنى يۇم!  
33كالا سۈتى قوچۇلسا سېرىق ماي چىقار؛ بىرىنىڭ بۇرنى مىجىلسا، قان چىقار؛ ئاداۋەت قوزغاپ ئىنتىقام ئويلىسا جېدەل‫‪‎-‎‬‬ماجىرا چىقار.

Read پەند-نەسىھەتلەر 30پەند-نەسىھەتلەر 30
Compare پەند-نەسىھەتلەر 30:26-33پەند-نەسىھەتلەر 30:26-33