6چۈنكى پەرۋەردىگار دانالىق بەرگۈچىدۇر؛ ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىلىم بىلەن يورۇقلۇق چىقىدۇ.
7ئۇ دۇرۇس ياشاۋاتقانلار ئۈچۈن مول ھېكمەت تەييارلاپ قويغاندۇر، ئۇ ۋىجدانلىق ئادەملەر ئۈچۈن قالقاندۇر.
8ئۇ ئادىللىق قىلغۇچىلارنىڭ يوللىرىنى ئاسرايدۇ، ئىخلاسمەن بەندىلىرىنىڭ يولىنى قوغدايدۇ.
9ئۇ چاغدا ھەققانىيلىق، ئادىللىق ۋە دۇرۇسلۇقنى، شۇنداقلا ھەرقانداق گۈزەل يولنى چۈشىنىدىغان بولىسەن.
10دانالىق قەلبىڭگە كىرىشى بىلەنلا، بىلىم كۆڭلۈڭگە يېقىشى بىلەنلا،
11پەم-پاراسەت سېنى قوغدايدۇ، يورۇقلۇق سېنى ساقلايدۇ.