Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 2

پەند-نەسىھەتلەر 2:3-18

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3ئەگەر ئەقىل‫‪‎-‎‬‬پاراسەتكە تەشنا بولۇپ ئىلتىجا قىلساڭ، يورۇقلۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن يۇقىرى ئاۋازدا يېلىنساڭ،
4ئەگەر كۈمۈشكە ئىنتىلگەندەك ئىنتىلسەڭ، يوشۇرۇن گۆھەرنى ئىزدىگەندەك ئىزدىسەڭ،
5ئۇنداقتا پەرۋەردىگاردىن ھەقىقىي قورقۇشنى بىلىدىغان بولىسەن، ۋە ساڭا خۇدانى تونۇش نېسىپ بولىدۇ.
6چۈنكى پەرۋەردىگار دانالىق بەرگۈچىدۇر؛ ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىلىم بىلەن يورۇقلۇق چىقىدۇ.
7ئۇ دۇرۇس ياشاۋاتقانلار ئۈچۈن مول ھېكمەت تەييارلاپ قويغاندۇر، ئۇ ۋىجدانلىق ئادەملەر ئۈچۈن قالقاندۇر.
8ئۇ ئادىللىق قىلغۇچىلارنىڭ يوللىرىنى ئاسرايدۇ، ئىخلاسمەن بەندىلىرىنىڭ يولىنى قوغدايدۇ.
9ئۇ چاغدا ھەققانىيلىق، ئادىللىق ۋە دۇرۇسلۇقنى، شۇنداقلا ھەرقانداق گۈزەل يولنى چۈشىنىدىغان بولىسەن.
10دانالىق قەلبىڭگە كىرىشى بىلەنلا، بىلىم كۆڭلۈڭگە يېقىشى بىلەنلا،
11پەم‫‪‎-‎‬‬پاراسەت سېنى قوغدايدۇ، يورۇقلۇق سېنى ساقلايدۇ.
12ئۇلار سېنى يامان يولدىن، تىلى زەھەر ئادەملەردىن قۇتقۇزىدۇ؛
13يەنى توغرا يولدىن چەتنىگەنلەردىن، قاراڭغۇ يوللاردا ماڭىدىغانلاردىن،
14رەزىللىك قىلىشنى ھۇزۇر كۆرىدىغانلاردىن، يامانلىقنىڭ زىيانلىرىنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغانلاردىن،
15يەنى ئەگرى يوللاردا ماڭىدىغانلاردىن، قىڭغىر يولدا ماڭىدىغانلاردىن قۇتقۇزىدۇ.
16دانالىق سېنى بۇزۇق ئايالدىن، يەنى شىرىن سۆزلەر بىلەن ئازدۇرماقچى بولغان نامەھرەم ئاياللاردىن قۇتقۇزىدۇ.
17بۇنداق ئاياللار ياش ۋاقتىدا تەگكەن جورىسىنى تاشلاپ، خۇدا ئالدىدىكى نىكاھ قەسىمىنى ئۇنتۇغان ۋاپاسىزلاردىندۇر.
18ئۇنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان يول ئۆلۈمگە ئاپىرىدىغان يولدۇر، ئۇنىڭ ماڭىدىغان يوللىرى ئادەمنى ئەرۋاھلار ماكانىغا باشلايدۇ.

Read پەند-نەسىھەتلەر 2پەند-نەسىھەتلەر 2
Compare پەند-نەسىھەتلەر 2:3-18پەند-نەسىھەتلەر 2:3-18