16دانالىق سېنى بۇزۇق ئايالدىن، يەنى شىرىن سۆزلەر بىلەن ئازدۇرماقچى بولغان نامەھرەم ئاياللاردىن قۇتقۇزىدۇ.
17بۇنداق ئاياللار ياش ۋاقتىدا تەگكەن جورىسىنى تاشلاپ، خۇدا ئالدىدىكى نىكاھ قەسىمىنى ئۇنتۇغان ۋاپاسىزلاردىندۇر.
18ئۇنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان يول ئۆلۈمگە ئاپىرىدىغان يولدۇر، ئۇنىڭ ماڭىدىغان يوللىرى ئادەمنى ئەرۋاھلار ماكانىغا باشلايدۇ.
19ئۇنىڭ قېشىغا بارغانلارنىڭ بىرىمۇ قايتىپ كەلگىنى يوق، ئۇلاردىن بىرىمۇ ھاياتلىق يوللىرىغا ئېرىشكىنى يوق.
20شۇلارنى چۈشەنسەڭ ياخشىلارنىڭ يولىدا ماڭىسەن، ھەققانىيلارنىڭ يوللىرىنى تۇتىسەن.
21چۈنكى دۇرۇس ئادەم زېمىندا ياشاپ قالالايدۇ، مۇكەممەل كىشى بۇ يەردە ماكانلىشالايدۇ.