1قايتا-قايتا ئەيىبلىنىپ تۇرۇپ يەنە بوينى قاتتىقلىق قىلغان كىشى، تۇيۇقسىزدىن داۋالىغۇسىز يانجىلار.
2ھەققانىيلار گۈللەنسە، پۇقرالىرى شادلىنار، قەبىھلەر ھوقۇق تۇتسا پۇقرا نالە-پەرياد كۆتۈرەر.
3دانالىقنى سۆيگەن ئوغۇل ئاتىسىنى خۇش قىلار؛ بىراق پاھىشىلەرگە ھەمراھ بولغان ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى بۇزۇپ-چاچار.
4پادىشاھ ئادالەت بىلەن يۇرتىنى تىنچ قىلار؛ بىراق باج-سېلىق سالغان بولسا، ئۇنى ۋەيران قىلار.
5ئۆز يېقىنىغا خۇشامەت قىلغان كىشى، ئۇنىڭ پۇتلىرىغا تور تەييارلاپ قويغاندۇر.
6رەزىل ئادەمنىڭ گۇناھى ئۆزىگە قاپقان ياساپ قۇرار؛ بىراق ھەققانىي كىشى ناخشىلار بىلەن شادلىنار.