Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 28

پەند-نەسىھەتلەر 28:1-8

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1يامانلار ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ قاچار؛ بىراق ھەققانىيلار شىر يۈرەك باتۇر كېلەر.
2يۇرتتا گۇناھلار كۆپەيسە، ئۇنىڭ ئەمىرلىرى كۆپ ئالمىشار، لېكىن ئۇنى سورىغۇچى يورۇتۇلغان ۋە بىلىملىك بولسا، يۇرت ئامان‫‪‎-‎‬‬مۇقىم ئۇزۇن تۇرار.
3مىسكىنلەرگە زۇلۇم سېلىۋاتقان بىر كەمبەغەل، خۇددى زىرائەتلەرنى ياتقۇزۇپ دېنىنى قويمايدىغان قارا يامغۇرغا ئوخشايدۇ.
4تەۋرات قانۇنىدىن ۋاز كەچكەنلەر يامانلارنى ياخشى دەپ ماختار؛ بىراق قانۇننى تۇتقۇچىلار ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلار.
5رەزىللەر ئادالەتنى چۈشەنمەس؛ بىراق پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەر ھەممە ئىشنى چۈشىنەر.
6پەزىلەتلىك يولدا ماڭغان مىسكىن كىشى، ساختا، ئىككى يۈزلىمە باي ئادەمدىن ياخشىدۇر.
7تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنىغا ئىتائەت قىلغان يىگىت ئەقىللىق ئوغۇلدۇر؛ بىراق نان قېپىلارغا ھەمراھ بولغۇچى ئاتىسىنى نومۇسقا قالدۇرار.
8جازانىخورلۇق قىلىپ يۇقىرى ئۆسۈم ئارقىلىق بايلىقلار تاپقان كىشى، ئاخىرىدا بۇلارنى مىسكىنلەرگە خەيرىخاھلىق قىلغۇچىنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن توپلىغاندۇر.

Read پەند-نەسىھەتلەر 28پەند-نەسىھەتلەر 28
Compare پەند-نەسىھەتلەر 28:1-8پەند-نەسىھەتلەر 28:1-8