Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 27

پەند-نەسىھەتلەر 27:2-8

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2سېنى باشقىلار ماختىسۇن، ئۆز ئاغزىڭ مۇنداق قىلمىسۇن، يات ئادەم سېنى ماختىسۇن، ئۆز لەۋلىرىڭ ئۇنداق قىلمىسۇن.
3تاش ئېغىر، قۇم خېلى جىڭ باسار، بىراق ئەخمەق كەلتۈرىدىغان خاپىچىلىق ئىككىسىدىن تېخىمۇ ئېغىردۇر.
4غەزەپ رەھىمسىزدۇر، قەھر بولسا كەلكۈندەك ئادەمنى ئېقىتىپ كېتەر، بىراق كىم ھەسەتخورلۇق ئالدىدا تاقابىل تۇرالىسۇن؟
5ئاشكارا ئەيىبلەش يوشۇرۇن مۇھەببەتتىن ئەلادۇر.
6دوستنىڭ قولىدىن يېگەن زەخىملەر سادىقلىقتىن بولىدۇ؛ بىراق دۈشمەننىڭ سۆيۈشلىرى ھىيلىگەرلىكتۇر.
7توق كىشى ھەسەل كۆنىكىدىنمۇ بىزاردۇر، ئاچ كىشىگە ھەرقانداق ئاچچىق نەرسىمۇ تاتلىق بىلىنەر.
8يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان كىشى، ئۇۋىسىدىن ئايرىلىپ يۈرگەن قۇشقا ئوخشار.

Read پەند-نەسىھەتلەر 27پەند-نەسىھەتلەر 27
Compare پەند-نەسىھەتلەر 27:2-8پەند-نەسىھەتلەر 27:2-8