Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 26

پەند-نەسىھەتلەر 26:11-28

Help us?
Click on verse(s) to share them!
11ئىت ئايلىنىپ كېلىپ ئۆز قۇسۇقىنى يالىغاندەك، ئەخمەق ئەخمەقلىقىنى قايتىلار.
12ئۆزىنى دانا چاغلاپ مەمنۇن بولغان كىشىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىماقتىن ئەخمەققە ئۈمىد باغلىماق ئەۋزەلدۇر.
13ھۇرۇن ئادەم‫‪:‬‬ ــ «تاشقىرىدا دەھشەتلىك بىر شىر تۇرىدۇ، كوچىدا بىر شىر يۈرىدۇ!» ــ دەپ ئۆيدىن چىقماس.
14ئۆز مۇجۇقىدا ئېچىلىپ‫‪‎-‎‬‬يېپىلىپ تۇرغان ئىشىككە ئوخشاش، ھۇرۇن كارىۋاتتا يېتىپ ئۇ ياق‫‪‎-‎‬‬بۇ ياققا ئۆرۈلمەكتە.
15ھۇرۇن قولىنى سۇنۇپ قاچىغا تىققىنى بىلەن، غىزانى ئاغزىغا سېلىشتىنمۇ ئېرىنەر.
16ھۇرۇن ئۆزىنى پەم بىلەن جاۋاب بەرگۈچى يەتتە كىشىدىنمۇ دانا سانار.
17كوچىدا كېلىۋېتىپ، ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ماجىراغا ئارىلاشقان كىشى، ئىتنىڭ قۇلىقىنى تۇتۇپ سوزغانغا ئوخشاش خەتەرگە دۇچار بولار.
18ئۆز يېقىنلىرىنى ئالداپ «پەقەت چاقچاق قىلىپ قويدۇم!» دەيدىغان كىشى، ئوتقاشلارنى، ئوقلارنى، ھەرخىل ئەجەللىك قوراللارنى ئاتقان تەلۋىگە ئوخشايدۇ.
20ئوتۇن بولمىسا ئوت ئۆچەر؛ غەيۋەت بولمىسا، جېدەل بېسىلار.
21چوغلار ئۈستىگە چاچقان كۆمۈردەك، ئوت ئۈستىگە قويغان ئوتۇندەك، جېدەلچى جېدەلنى ئۇلغايتار.
22غەيۋەتخورنىڭ سۆزلىرى ھەرخىل نازۇنېمەتلەردەك، كىشىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلەر.  
23يالقۇنلۇق لەۋلەر رەزىل كۆڭۈللەرگە قوشۇلغاندا، ساپال قاچىغا كۈمۈش ھەل بەرگەنگە ئوخشاشتۇر.
24ئاداۋەت ساقلايدىغان ئادەم ئۆچىنى گەپلىرى بىلەن ياپسىمۇ، كۆڭلىدە قات‫‪‎-‎‬‬قات سۇيىقەست ساقلايدۇ.
25ئۇنىڭ سۆزى چىرايلىق بولسىمۇ، ئىشىنىپ كەتمىگىن؛ قەلبىدە يەتتە قات ئىپلاسلىق باردۇر.
26ئۇ ئۆچمەنلىكىنى چىرايلىق گەپ بىلەن ياپسىمۇ، لېكىن رەزىللىكى جامائەتنىڭ ئالدىدا ئاشكارىلىنار.
27كىشىگە ئورا كولىغان ئۆزى چۈشەر؛ تاشنى دومىلاتقان كىشىنى تاش دۇمىلاپ قايتىپ كېلىپ ئۇنى يانجار.
28ساختا تىل ئۆزى زىيانكەشلىك قىلغان كىشىلەرگە نەپرەتلىنەر؛ خۇشامەت قىلغۇچى ئېغىز ئادەمنى ھالاكەتكە ئىتتىرەر.

Read پەند-نەسىھەتلەر 26پەند-نەسىھەتلەر 26
Compare پەند-نەسىھەتلەر 26:11-28پەند-نەسىھەتلەر 26:11-28