Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 25

پەند-نەسىھەتلەر 25:21-27

Help us?
Click on verse(s) to share them!
21دۈشمىنىڭنىڭ قورسىقى ئاچ بولسا، نان بەر؛ ئۇسسىغان بولسا سۇ بەر؛   
22شۇنداق قىلساڭ، بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن، ۋە پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى ساڭا ياندۇرىدۇ.
23شىمال تەرەپتىن چىققان شامال قاتتىق يامغۇر ئېلىپ كەلگەندەك، چېقىمچى شۇم چىراينى كەلتۈرەر.
24سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن ئازادە ئۆيدە بىللە تۇرغاندىن كۆرە، ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا يالغۇز يېتىپ‫‪‎-‎‬‬قوپقان ياخشى.  
25ئۇسساپ كەتكەن كىشىگە مۇزدەك سۇ بېرىلگەندەك، يىراق يۇرتتىن كەلگەن خۇش خەۋەرمۇ ئەنە شۇنداق بولار.
26پېتىقدىلىپ سۈيى لېيىپ كەتكەن بۇلاق، سۈيى بۇلغىۋېتىلگەن قۇدۇق، رەزىللەرگە يول قويغان ھەققانىي ئادەمگە ئوخشاشتۇر.
27ھەسەلنى ھەددىدىن زىيادە يېيىش ياخشى بولماس؛ بىراق ئۇلۇغلۇقنى ئىزدەشنىڭ ئۆزى ئۇلۇغ ئىشتۇر.

Read پەند-نەسىھەتلەر 25پەند-نەسىھەتلەر 25
Compare پەند-نەسىھەتلەر 25:21-27پەند-نەسىھەتلەر 25:21-27