Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 24

پەند-نەسىھەتلەر 24:24-32

Help us?
Click on verse(s) to share them!
24جىنايەتچىگە‫‪:‬‬ «ئەيىبسىز سەن» دەپ ھۆكۈم چىقارغان كىشىگە، خەلقلەر لەنەت ئېيتار؛ ئەل‫‪‎-‎‬‬يۇرتلار ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنەر.
25بىراق ئۇلار جىنايەتچىنىڭ گۇناھىنى ئېچىپ تاشلىغان كىشىدىن خۇرسەن بولار، ئۇلار ئۇنىڭغا بەخت‫‪‎-‎‬‬سائادەت تىلىشەر.
26دۇرۇس جاۋاب بەرگۈچى، گوياكى كىشىنىڭ لەۋلىرىگە سۆيگۈچىدۇر.
27ئاۋۋال سىرتتا ئىشلىرىڭنىڭ يولىنى ھازىرلاپ، ئېتىز‫‪‎-‎‬‬ئېرىقلىرىڭنى تەييارلا، ئاندىن ئۆيۈڭنى سالغىن.
28يېقىنىڭغا قارشى ئاساسسىز گۇۋاھلىق قىلما؛ ئاغزىڭدىن ھېچ يالغانچىلىق چىقارما.
29«ئۇ ماڭا قانداق قىلغان بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىمەن، ئۇنىڭ ماڭا قىلغىنىنى ئۆزىگە ياندۇرىمەن»، دېگۈچى بولما.
30مەن ھۇرۇننىڭ ئېتىزلىقىدىن ئۆتتىم، ئەقىلسىزنىڭ ئۈزۈمزارلىقى يېنىدىن ماڭدىم،
31مانا، ھەر يېرىدىن تىكەنلەر ئۆسۈپ چىققان، خوخىلار يەر يۈزىنى بېسىپ كەتكەن، قورۇق تېمى ئۆرۈلۈپ كەتكەن!
32ئۇلارنى كۆرگەچ، ئوبدان ئويلاندىم؛ كۆرگىنىمدىن ساۋاق ئالدىم‫‪:‬‬ ــ

Read پەند-نەسىھەتلەر 24پەند-نەسىھەتلەر 24
Compare پەند-نەسىھەتلەر 24:24-32پەند-نەسىھەتلەر 24:24-32