Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 23

پەند-نەسىھەتلەر 23:10-16

Help us?
Click on verse(s) to share them!
10قەدىمدە بېكىتكەن يەرنىڭ پاسىل تاشلىرىنى يۆتكىمە، يېتىملارنىڭ ئېتىزلىرىغىمۇ ئاياغ باسما؛
11چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەمجەمەت‫‪‎-‎‬‬قۇتقۇزغۇچىسى ئىنتايىن كۈچلۈكتۇر؛ ئۇ ئۆزى ئۇلار ئۈچۈن ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلار.
12نەسىھەتكە كۆڭۈل قوي، ئىلىم‫‪‎-‎‬‬بىلىملەرگە قۇلاق سال.
13بالاڭغا تەربىيە بېرىشتىن ئېرىنمە؛ ئەگەر تاياق بىلەن ئۇرساڭ، ئۇ ئۆلۈپ كەتمەيدۇ؛
14سەن ئۇنى تاياق بىلەن ئۇرساڭ، بەلكىم ئۇنى تەھتىسارادىن قۇتقۇزىۋالىسەن.
15ئى ئوغلۇم، دانا بولساڭ، مېنىڭ قەلبىم قانچە خۇش بولار ئىدى!
16ئاغزىڭدا ئورۇنلۇق سۆزلەر بولسا، ئىچ‫‪‎-‎‬‬ئىچىمدىن شادلىنىمەن.

Read پەند-نەسىھەتلەر 23پەند-نەسىھەتلەر 23
Compare پەند-نەسىھەتلەر 23:10-16پەند-نەسىھەتلەر 23:10-16