Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 21

پەند-نەسىھەتلەر 21:5-21

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5ئەستايىدىل كىشىلەرنىڭ ئويلىرى ئۇلارنى پەقەت باياشاتلىققا يېتەكلەر؛ چېچىلاڭغۇلارنىڭ ئويلىرى بولسا، ئۇلارنى پەقەت يوقسۇزلۇققىلا يېتەكلەر.
6ياغلىما تىل بىلەن ئېرىشكەن بايلىقلار، ئۆلۈمنى ئىزدەپ يۈرگەنلەر قوغلاپ يۈرگەن بىر تۈتۈنلا، خالاس.
7يامانلارنىڭ زالىملىقى ئۆزلىرىنى چىرمىۋالار؛ چۈنكى ئۇلار ئادالەت يولىدا مېڭىشنى رەت قىلغان.
8جىنايەتكار ماڭىدىغان يول ناھايىتى ئەگرىدۇر؛ ساپ دىل ئادەمنىڭ ھەرىكىتى تۈپتۈزدۇر.
9سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن ئازادە ئۆيدە بىللە تۇرغاندىن كۆرە، ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا يالغۇز يېتىپ قوپقان ياخشى.  
10يامان كىشىنىڭ كۆڭلى يامانلىققىلا ھېرىسمەندۇر؛ ئۇ يېقىنىغىمۇ شاپائەت كۆرسەتمەس.
11ھاكاۋۇرنىڭ جازاغا تارتىلىشى، بىلىمسىزگە ئىبرەت بولار؛ دانا كىشى قوبۇل قىلغان نەسىھەتلەردىن تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئالار.  
12ھەققانىي بولغۇچى ياماننىڭ ئۆيىنى كۆزلەر؛ ئۇ ھامان يامانلارنى يامانلىققا قويۇپ يىقىتار.
13مىسكىنلەرنىڭ نالىسىغا قۇلىقىنى يوپۇتۇپ كارى بولمىغۇچى، ئاخىرى ئۆزى پەرياد كۆتۈرەر، بىراق ھېچكىم پەرۋا قىلماس.
14يوشۇرۇن سوۋغات غەزەپنى باسار؛ يەڭ ئىچىدە بېرىلگەن پارا قەھر‫‪‎-‎‬‬غەزەپنى پەسەيتەر.  
15ئادالەتنى بەجا كەلتۈرۈش ھەققانىيلارنىڭ خۇشاللىقىدۇر، بىراق يامانلىق قىلغۇچىلارغا ۋەھىمىدۇر.
16ھېكمەت يولىدىن ئېزىپ كەتكەن كىشى، ئەرۋاھلارنىڭ جامائىتى ئىچىدىكىلەردىن بولۇپ قالار.
17تاماشاغا بېرىلگەن كىشى نامرات قالار؛ ياغ چايناشقا، شاراب ئىچىشكە ئامراق بېيىماس.
18يامان ئادەم ھەققانىي ئادەم ئۈچۈن گۆرۈ پۇلىنىڭ ئورنىدا قالار؛ ئېزىلگەن دۇرۇسلارنىڭ ئورنىغا ئىپلاسلار قالار.
19سوقۇشقاق ۋە تېرىككەك ئايال بىلەن ئورتاق تۇرغاندىن، چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاندا يالغۇز ياشىغان ياخشىدۇر.
20ئاقىلانىنىڭ ئۆيىدە بايلىق بار، زەيتۇن ماي بار؛ بىراق ئەخمەقلەر تاپقىنىنى ئۇتتۇرلۇق بۇزۇپ‫‪‎-‎‬‬چاچار.
21ھەققانىيەت، مېھرىبانلىقنى ئىزدىگۈچى ئادەم، ھايات، ھەققانىيەت ۋە ئىززەت‫‪‎-‎‬‬ھۆرمەتكە ئېرىشەر.

Read پەند-نەسىھەتلەر 21پەند-نەسىھەتلەر 21
Compare پەند-نەسىھەتلەر 21:5-21پەند-نەسىھەتلەر 21:5-21