27ئادەمنىڭ روھ-ۋىجدانى ــ پەرۋەردىگارنىڭ چىرىغىدۇر، ئۇ قەلبنىڭ ھەربىر تەگلىرىنى تەكشۈرۈپ پەرق ئېتەر.
28مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت پادىشاھنى ساقلايدۇ؛ ئۇ مېھىر-شەپقەت بىلەنلا ئۆز تەختىنى مۇستەھكەملەيدۇ.
29ياش يىگىتلەرنىڭ قاۋۇللۇقى ئۇلارنىڭ پەخرىدۇر؛ قېرىلارنىڭ ئىززىتى ئاق چاچلىرىدۇر.
30تەربىيە يارىلىرى يامانلىقنى تازىلاپ چىقىرار، تاياق ئىزلىرى ئىچ-باغىرنى تازا قىلار.