Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 20

پەند-نەسىھەتلەر 20:1-9

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1شاراب كىشىنى رەسۋا قىلار، ھاراق كىشىنى غالجىرلاشتۇرار؛ كىمكى ئۇنىڭغا بېرىلىپ ئېزىپ كەتسە، ئەقىلسىزدۇر.
2پادىشاھنىڭ غەزىپى شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاش قورقۇنچلۇقتۇر؛ ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن، ئۆز جېنىغا جازا چۈشۈرەر.  
3ئۆزىنى ماجىرادىن نېرى قىلىش كىشىنىڭ ئىززىتىدۇر؛ بىراق ھەربىر ئەخمەق ئۆزىنى باسالماس.
4ھۇرۇن ئادەم قىشتا يەر ھەيدىمەس؛ يىغىم ۋاقتىدا يوقلۇقتا قېلىپ ئاشلىق تىلەر.
5كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي‫‪‎-‎‬‬نىيەتلىرى چوڭقۇر سۇغا ئوخشاشتۇر؛ يورۇتۇلغان ئادەم ئۇلارنى تارتىپ ئالالايدۇ.  
6ئۆزىنى سادىق دەيدىغانلار كۆپتۇر؛ بىراق ئىشەنچلىك بىر ئادەمنى كىم تاپالىسۇن؟
7ھەققانىي ئادەم دىيانەتلىك يولدا ماڭار؛ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە بەخت‫‪‎-‎‬‬بەرىكەت قالدۇرۇلار!
8پادىشاھ ئادالەت تەختىدە ئولتۇرغاندا، ھەممە يامانلىقنى كۆزى بىلەن قوغلايدۇ.
9كىم ئۆزىنى گۇناھدىن تازىلاندىم، ۋىجدانىم پاكلاندى، دېيەلەيدۇ؟

Read پەند-نەسىھەتلەر 20پەند-نەسىھەتلەر 20
Compare پەند-نەسىھەتلەر 20:1-9پەند-نەسىھەتلەر 20:1-9