Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 1

پەند-نەسىھەتلەر 1:3-20

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3ساڭا دانالىق، ھەققانىيلىق، پەم‫‪‎-‎‬‬پاراسەت ۋە دۇرۇسلۇقنىڭ يوليورۇق‫‪‎-‎‬‬تەربىيىسىنى قوبۇل قىلدۇرىدۇ.
4بۇ پەند‫‪‎-‎‬‬نەسىھەتلەر نادانلارنى زېرەك قىلىپ، ياشلارنى بىلىملىك ۋە سەزگۈر قىلىدۇ؛
5بۇلارغا قۇلاق سېلىشى بىلەن دانالار بىلىمىنى ئاشۇرىدۇ، يورۇتۇلغان كىشىلەر تېخىمۇ دانا مەسلىھەتكە ئېرىشىدۇ،
6شۇنداقلا پەند‫‪‎-‎‬‬نەسىھەتلەر ھەم تەمسىللەرنىڭ مەنىسىنى، دانىشمەنلەرنىڭ ھېكمەتلىرى ھەم تىلسىم سۆزلىرىنى چۈشىنىدىغان قىلىنىدۇ.
7پەرۋەردىگاردىن قورقۇش بىلىمنىڭ باشلىنىشىدۇر؛ ئەخمەقلەر دانالىقنى ۋە تەربىيىنى كۆزگە ئىلمايدۇ.
8ئى ئوغلۇم، ئاتاڭنىڭ تەربىيىسىگە قۇلاق سال، ئاناڭنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬نەسىھەتىدىن ئايرىلما؛
9چۈنكى ئۇلار سېنىڭ بېشىڭغا تاقالغان گۈل چەمبىرەك، بوينۇڭغا ئېسىلغان مارجان بولىدۇ.
10ئى ئوغلۇم، يامانلار سېنى ئازدۇرسا، ئۇلارغا ئەگەشمىگىن.
11ئەگەر ئۇلار‫‪:‬‬ ــ يۈر، تۇزاق قۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرەيلى؛ يوشۇرۇنىۋېلىپ، بىرەر بىگۇناھ كەلگەندە ئۇرايلى!
12تەھتىسارادەك ئۇلارنى يۇتۇۋېتەيلى، ساق بولسىمۇ، ھاڭغا چۈشكەنلەردەك ئۇلارنى يىقىتايلى؛
13ئۇلاردىن خىلمۇخىل قىممەتلىك مال‫‪‎-‎‬‬دۇنياغا ئىگە بولۇپ، ئۆيلىرىمىزنى ئولجا بىلەن تولدۇرىمىز.
14بىز بىلەن شېرىك بول، ھەميانىمىز بىر بولسۇن، دېسە، ــ
15ئى ئوغلۇم، ئۇلارغا يولداش بولما، ئۆزۈڭنى ئۇلارنىڭ ئىزىدىن نېرى قىل!
16چۈنكى ئۇلارنىڭ پۇتلىرى رەزىللىككە يۈگۈرىدۇ، قولىنى قان قىلىش ئۈچۈن ئالدىرايدۇ.
17ھەرقانداق ئۇچار قانات تۇيۇپ قالغاندا تۇزاق قويۇش بىكار ئاۋارىچىلىكتۇر؛
18لېكىن بۇلار دەل ئۆز قېنىنى تۆكۈش ئۈچۈن ساقلايدۇ؛ ئۆز جانلىرىغا زامىن بولۇشنى كۈتىدۇ.
19نەپسى يوغىناپ كەتكەن ھەربىر ئادەمنىڭ يوللىرىنىڭ ئاقىۋىتى مانا شۇنداق؛ ھارام مال‫‪‎-‎‬‬دۇنيا ئۆز ئىگىلىرىنىڭ جېنىنى ئالىدۇ.
20بۈيۈك دانالىق كوچىدا ئوچۇق‫‪‎-‎‬‬ئاشكارا خىتاب قىلماقتا، چوڭ مەيدانلاردا ساداسىنى ئاڭلاتماقتا.

Read پەند-نەسىھەتلەر 1پەند-نەسىھەتلەر 1
Compare پەند-نەسىھەتلەر 1:3-20پەند-نەسىھەتلەر 1:3-20