3ساڭا دانالىق، ھەققانىيلىق، پەم-پاراسەت ۋە دۇرۇسلۇقنىڭ يوليورۇق-تەربىيىسىنى قوبۇل قىلدۇرىدۇ.
4بۇ پەند-نەسىھەتلەر نادانلارنى زېرەك قىلىپ، ياشلارنى بىلىملىك ۋە سەزگۈر قىلىدۇ؛
5بۇلارغا قۇلاق سېلىشى بىلەن دانالار بىلىمىنى ئاشۇرىدۇ، يورۇتۇلغان كىشىلەر تېخىمۇ دانا مەسلىھەتكە ئېرىشىدۇ،
6شۇنداقلا پەند-نەسىھەتلەر ھەم تەمسىللەرنىڭ مەنىسىنى، دانىشمەنلەرنىڭ ھېكمەتلىرى ھەم تىلسىم سۆزلىرىنى چۈشىنىدىغان قىلىنىدۇ.
7پەرۋەردىگاردىن قورقۇش بىلىمنىڭ باشلىنىشىدۇر؛ ئەخمەقلەر دانالىقنى ۋە تەربىيىنى كۆزگە ئىلمايدۇ.
8ئى ئوغلۇم، ئاتاڭنىڭ تەربىيىسىگە قۇلاق سال، ئاناڭنىڭ سۆز-نەسىھەتىدىن ئايرىلما؛
9چۈنكى ئۇلار سېنىڭ بېشىڭغا تاقالغان گۈل چەمبىرەك، بوينۇڭغا ئېسىلغان مارجان بولىدۇ.
10ئى ئوغلۇم، يامانلار سېنى ئازدۇرسا، ئۇلارغا ئەگەشمىگىن.
11ئەگەر ئۇلار: ــ يۈر، تۇزاق قۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرەيلى؛ يوشۇرۇنىۋېلىپ، بىرەر بىگۇناھ كەلگەندە ئۇرايلى!
12تەھتىسارادەك ئۇلارنى يۇتۇۋېتەيلى، ساق بولسىمۇ، ھاڭغا چۈشكەنلەردەك ئۇلارنى يىقىتايلى؛
13ئۇلاردىن خىلمۇخىل قىممەتلىك مال-دۇنياغا ئىگە بولۇپ، ئۆيلىرىمىزنى ئولجا بىلەن تولدۇرىمىز.
14بىز بىلەن شېرىك بول، ھەميانىمىز بىر بولسۇن، دېسە، ــ