14ئۆي بىلەن مال-مۈلۈك ئاتا-بوۋىلاردىن مىراستۇر؛ بىراق پەم-پاراسەتلىك خوتۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىدىندۇر.
15ھۇرۇنلۇق كىشىنى غەپلەت ئۇيقۇغا غەرق قىلار؛ بىكار تەلەپ ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى تارتار.
16پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ئەمەل قىلغان كىشى ئۆز جېنىنى ساقلار؛ ئۆز يوللىرىدىن ھېزى بولمىغان كىشى ئۆلەر.