20نىيىتى بۇزۇلغان ياخشىلىق كۆرمەس؛ تىلىدا ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغۇچى بالاغا يولۇقار.
21بالا ئەخمەق بولسا، ئاتا غەم-قايغۇغا پاتار؛ ھاماقەتنىڭ ئاتىسى خوشاللىق كۆرمەس.
22شاد كۆڭۈل شىپالىق دورىدەك تەنگە داۋادۇر؛ سۇنۇق روھ-دىل ئادەمنىڭ يىلىكىنى قۇرۇتار.