12ئەخمىقانە ئىش قىلىۋاتقان نادان كىشىگە ئۇچراپ قالغاندىن كۆرە، بالىلىرىدىن ئايرىلغان ئېيىققا يولۇقۇپ قالغان ياخشى.
13كىمكى ياخشىلىققا يامانلىق قىلسا، ئىشىكىدىن بالايىقازا نېرى كەتمەس.
14جېدەلنىڭ باشلىنىشى توسمىنى سۇ ئېلىپ كەتكەنگە ئوخشايدۇ؛ شۇڭا جېدەل پارتلاشتىن ئاۋۋال تالاش-تارتىشتىن قول ئۈزگىن.