Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 15

پەند-نەسىھەتلەر 15:1-6

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1مۇلايىم جاۋاب غەزەپنى باسار؛ قوپال سۆز ئاچچىقنى قوزغار.
2ئاقىلانىلەرنىڭ تىلى بىلىمنى جارى قىلار؛ ئەخمەقنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ تۆكەر.
3پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەر يەردە يۈرەر؛ ياخشى‫‪‎-‎‬‬يامانلارنى كۆرۈپ تۇرار.  
4شىپا يەتكۈزگۈچى تىل خۇددى بىر «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر؛ تىلى ئەگرىلىك كىشىنىڭ روھىنى سۇندۇرار.  
5ئەخمەق ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىگە پىسەنت قىلماس؛ لېكىن ئاتىسىنىڭ تەنبىھىگە قۇلاق سالغان زېرەك بولار.
6ھەققانىينىڭ ئۆيىدە گۆھەرلەر كۆپتۇر؛ بىراق ياماننىڭ تاپاۋىتى ئۆزىگە ئاۋارىچىلىك تاپار.

Read پەند-نەسىھەتلەر 15پەند-نەسىھەتلەر 15
Compare پەند-نەسىھەتلەر 15:1-6پەند-نەسىھەتلەر 15:1-6