Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 14

پەند-نەسىھەتلەر 14:6-25

Help us?
Click on verse(s) to share them!
6ھاكاۋۇرلار دانالىق ئىزدەپ تاپالماس؛ بىراق يورۇتۇلغان ئادەمگە بىلىم ئېلىش ئاسانغا چۈشەر.
7بىراۋنىڭ ئاغزىدا بىلىم يوقلۇقىنى بىلىپ يەتكەندە، ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭنى نېرى تارت.
8ئەقىل‫‪‎-‎‬‬پاراسەتلىك كىشىنىڭ دانالىقى ئۆز يولىنى ئويلىنىشتىدۇر؛ ئەخمەقلەرنىڭ ئەقىلسىزلىكى بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنىشىدۇر.
9ئەخمەقلەر بولسا «ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى»نى كۆزگە ئىلمايدۇ، ھەققانىيلار ئارىسىدا بولسا ئىلتىپات تېپىلار.
10كۆڭۈلدىكى دەردنى پەقەت ئۆزىلا كۆتۈرەلەر؛ كۆڭۈلدىكى خۇشلۇققىمۇ باشقىلار شېرىك بولالماس.
11ياماننىڭ ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشەر؛ ھەققانىي ئادەمنىڭ چېدىرى گۈللىنىپ كېتەر.
12ئادەم بالىسىغا توغرىدەك كۆرۈنىدىغان بىر يول بار، لېكىن ئاقىۋىتى ھالاكەتكە بارىدىغان يوللاردۇر.
13ئويۇن‫‪‎-‎‬‬كۈلكە بولسا قەلبتىكى غەم‫‪‎-‎‬‬قايغۇنى ياپار، خۇشاللىق ئۆتۈپ كەتكەندە، غەم‫‪‎-‎‬‬قايغۇ يەنىلا قالار.
14توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ يانغان ئادەم ھامان ئۆز يولىدىن تويار؛ ياخشى ئادەم ئۆز ئىشىدىن قانائەتلىنەر.
15ساددىلار ھەممە گەپكە ئىشىنىپ كېتەر؛ لېكىن پەم‫‪‎-‎‬‬پاراسەتلىك كىشى ھەربىر قەدەمنى ئاۋايلاپ باسار.
16دانا ئادەم ئېھتىياتچان بولۇپ ئاۋارىچىلىكتىن نېرى كېتەر؛ ئەخمەق ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ ئالدىغا ماڭار.
17تېرىككەك ئەخمەقلىق قىلار؛ نەيرەڭۋاز ئادەم نەپرەتكە ئۇچرار.
18ساددىلار ئەخمەقلىققا ۋارىسلىق قىلار؛ پەم‫‪‎-‎‬‬پاراسەتلىكلەر بىلىمنى ئۆز تاجى قىلار.
19يامانلار ياخشىلارنىڭ ئالدىدا ئىگىلەر؛ قەبىھلەر ھەققانىينىڭ دەرۋازىلىرى ئالدىدا باش ئۇرار.
20نامرات كىشى ھەتتا ئۆز يېقىنىغىمۇ يامان كۆرۈنەر. باينىڭ دوستى بولسا كۆپتۇر.
21يېقىنىنى پەس كۆرگەن گۇناھكاردۇر؛ لېكىن مىسكىنلەرگە رەھىم قىلغان بەرىكەت تاپار.
22يامانلىق ئويلىغانلار يولدىن ئاداشقانلاردىن ئەمەسمۇ؟ بىراق ياخشىلىق ئويلىغانلار رەھىم‫‪‎-‎‬‬شەپقەت، ھەقىقەت‫‪‎-‎‬‬سادىقلىققا مۇيەسسەر بولار.
23ھەممە مېھنەتتىن پايدا چىقار؛ بىراق قۇرۇق پاراڭلار ئادەمنى موھتاجلىقتا قالدۇرار.
24ئاقىلانىلەر ئۈچۈن بايلىقلار بىر تاجدۇر؛ ئەخمەقلەرنىڭ نادانلىقىدىن پەقەت يەنە شۇ نادانلىقلا چىقار.
25ھەققانىي گۇۋاھلىق بەرگۈچى كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزار؛ يالغان‫‪‎-‎‬‬ياۋىداق سۆزلەيدىغان گۇۋاھچى يالغان گەپنى نەپەستەك تىنار.

Read پەند-نەسىھەتلەر 14پەند-نەسىھەتلەر 14
Compare پەند-نەسىھەتلەر 14:6-25پەند-نەسىھەتلەر 14:6-25