Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 13

پەند-نەسىھەتلەر 13:9-22

Help us?
Click on verse(s) to share them!
9ھەققانىي ئادەمنىڭ نۇرى شادلىنىپ پارلار؛ بىراق يامان ئادەمنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلەر.
10كىبىرلىكتىن پەقەت جېدەل‫‪‎-‎‬‬ماجىرالا چىقار؛ دانالىق بولسا نەسىھەتنى ئاڭلىغانلار بىلەن بىللىدۇر.
11ئىشلىمەي تاپقان ھارام بايلىق بەرىكەتسىزدۇر؛ تەر تۆكۈپ ھالال تاپقان گۈللىنەر.
12تەلمۈرگىنىگە كۈتۈپ ئېرىشەلمەسلىك كۆڭۈلنى سۇنۇق قىلار، لېكىن تەشنالىقتا ئېرىشكىنى «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر.  
13خۇدانىڭ كالام‫‪‎-‎‬‬سۆزىگە پىسەنت قىلمىغان ئادەم گۇناھنىڭ تۆلىمىگە قەرزدار بولار؛ لېكىن پەرماننى قەدىرلىگەن ئادەم ياخشىلىق كۆرەر.
14ئاقىلانىنىڭ تەلىمى ھاياتلىق بەرگۈچى بۇلاقتۇر، ئۇ سېنى ئۆلۈم تۇزاقلىرىدىن قۇتۇلدۇرار.
15ئاقىلانىلىك ئادەمنى ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈرەر؛ بىراق تۇزكورلارنىڭ يولى ئەگرى‫‪‎-‎‬‬بۈگرى، جاپالىق بولار.
16پەم‫‪‎-‎‬‬پاراسەتلىك ئادەم بىلىمى بىلەن ئىش كۆرەر؛ ھاماقەت ئۆز نادانلىقىنى ئاشكارىلار.
17رەزىل ئالاقىچى بالا‫‪‎-‎‬‬قازاغا ئۇچرار؛ سادىق ئەلچى بولسا دەردكە دەرماندۇر.
18تەربىيەنى رەت قىلغان ئادەم نامراتلىشىپ ئۇياتقا قالار؛ ئەمما تەنبىھنى قوبۇل قىلغان ھۆرمەتكە ئېرىشەر.
19ئەمەلگە ئاشقان ئارزۇ كىشىگە شېرىن تۇيۇلار؛ لېكىن ئەخمەقلەر يامانلىقنى تاشلاشنى يامان كۆرەر.
20ئاقىلانىلەر بىلەن بىللە يۈرگەن دانا بولار؛ بىراق ئەخمەقلەرگە ھەمراھ بولغان نالە‫‪‎-‎‬‬پەريادتا قالار.
21بالايىقازا گۇناھكارلارنىڭ كەينىدىن بېسىپ ماڭار؛ لېكىن ھەققانىيلار ياخشىلىقنىڭ ئەجرىنى تاپار.
22ياخشى ئادەم پەرزەنتلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە مىراس قالدۇرار؛ گۇناھكارلارنىڭ يىغقان مال‫‪‎-‎‬‬دۇنيالىرى ھەققانىيلار ئۈچۈن توپلىنار.

Read پەند-نەسىھەتلەر 13پەند-نەسىھەتلەر 13
Compare پەند-نەسىھەتلەر 13:9-22پەند-نەسىھەتلەر 13:9-22