Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 13

پەند-نەسىھەتلەر 13:9-13

Help us?
Click on verse(s) to share them!
9ھەققانىي ئادەمنىڭ نۇرى شادلىنىپ پارلار؛ بىراق يامان ئادەمنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلەر.
10كىبىرلىكتىن پەقەت جېدەل‫‪‎-‎‬‬ماجىرالا چىقار؛ دانالىق بولسا نەسىھەتنى ئاڭلىغانلار بىلەن بىللىدۇر.
11ئىشلىمەي تاپقان ھارام بايلىق بەرىكەتسىزدۇر؛ تەر تۆكۈپ ھالال تاپقان گۈللىنەر.
12تەلمۈرگىنىگە كۈتۈپ ئېرىشەلمەسلىك كۆڭۈلنى سۇنۇق قىلار، لېكىن تەشنالىقتا ئېرىشكىنى «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر.  
13خۇدانىڭ كالام‫‪‎-‎‬‬سۆزىگە پىسەنت قىلمىغان ئادەم گۇناھنىڭ تۆلىمىگە قەرزدار بولار؛ لېكىن پەرماننى قەدىرلىگەن ئادەم ياخشىلىق كۆرەر.

Read پەند-نەسىھەتلەر 13پەند-نەسىھەتلەر 13
Compare پەند-نەسىھەتلەر 13:9-13پەند-نەسىھەتلەر 13:9-13