4ھۇرۇننىڭ ئارزۇ-تىلىكى بار، لېكىن ئېرىشەلمەس؛ لېكىن تىرىشچان ئەتلىنەر.
5ھەققانىي ئادەم يالغانچىلىقتىن يىرگىنەر؛ قەبىھ بولسا سېسىپ، شەرمەندە بولار.
6يولى دۇرۇسنى ھەققانىيەت قوغدار؛ لېكىن گۇناھكارنى رەزىللىك يىقىتار.
7بەزىلەر ئۆزىنى باي كۆرسەتكىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە قۇرۇق سۆلەتتۇر؛ بەزىلەر ئۆزىنى يوقسۇل كۆرسەتكىنى بىلەن زور بايلىقلىرى باردۇر.
8ئۆز بايلىقى گۆرۈگە تۇتۇلغان باينىڭ جېنىغا ئارا تۇرار؛ بىراق يوقسۇللار ھېچ ۋەھىمىنى ئاڭلىماس.
9ھەققانىي ئادەمنىڭ نۇرى شادلىنىپ پارلار؛ بىراق يامان ئادەمنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلەر.