1دانا ئوغۇل ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىگە كۆڭۈل قويار؛ مەسخىرە قىلغۇچى تەنبىھكە قۇلاق سالماس.
2ئادەم دۇرۇس ئېغىزىنىڭ مېۋىسىدىن ھۇزۇرلىنار؛ تۇزكورلار زوراۋانلىققا ھەۋەس قىلىپ زوراۋانلىققا ئۇچرار.
3سۆزدە ئېھتىياتچان كىشى جېنىنى ساقلاپ قالار؛ ئاغزى ئىتتىك ھالاكەتكە ئۇچرار.