Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 12

پەند-نەسىھەتلەر 12:10-26

Help us?
Click on verse(s) to share them!
10ھەققانىي ئادەم ئۆز ئۇلىغىنىمۇ ئاسرار؛ ئەمما رەزىل ئادەمنىڭ بولسا ھەتتا رەھىمدىللىقىمۇ زالىملىقتۇر.
11تىرىشىپ تېرىقچىلىق قىلغان دېھقاننىڭ قورسىقى توق بولار؛ ئەمما خام خىياللارغا بېرىلگەن كىشىنىڭ ئەقلى يوقتۇر.
12يامان ئادەم يامانلىق قىلتىقىنى كۆزلەپ ئولتۇرار؛ ئەمما ھەققانىي ئادەمنىڭ يىلتىزى مېۋە بېرىپ تۇرار.
13يامان ئادەم ئۆز ئاغزىنىڭ گۇناھىدىن تۇتۇلار؛ ھەققانىي ئادەم مۇشەققەت‫‪‎-‎‬‬قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلار.  
14ئادەم ئۆز ئاغزىنىڭ مېۋىسىدىن قانائەت تاپار؛ ئۆز قولى بىلەن قىلغانلىرىدىن ئۇنىڭغا ياندۇرۇلار.
15ئەخمەق ئۆز يولىنى توغرا دەپ بىلەر؛ ئەمما دەۋەتكە قۇلاق سالغان كىشى ئاقىلانىدۇر.
16ئەخمەقنىڭ ئاچچىقى كەلسە، تېزلا بىلىنەر؛ زېرەك كىشى ھاقارەتكە سەۋر قىلار، سەتچىلىكنى ئاشكارىلىماس.
17ھەقىقەتنى ئېيتقان كىشىدىن ئادالەت بىلىنەر؛ يالغان گۇۋاھلىق قىلغۇچىدىن ئالدامچىلىق بىلىنەر.
18بەزلىلەرنىڭ يېنىكلىك بىلەن ئېيتقان گېپى ئادەمگە سانجىلغان قىلىچقا ئوخشار؛ بىراق ئاقىلانىنىڭ تىلى دەردكە دەرماندۇر.
19راستچىل مەڭگۈ تۇرغۇزۇلىدۇ؛ لەۋزى يالغان بولسا بىردەملىكتۇر.
20يامانلىقنىڭ كويىدا يۈرگۈچىنىڭ كۆڭلىدە ھىيلە ساقلانغاندۇر؛ ئامانلىقنى دەۋەت قىلغۇچىلار خۇشاللىققا چۆمەر.
21ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا ھېچ كۈلپەت چۈشمەس؛ قەبىھلەر بالايىقازاغا چۆمۈلەر.
22يالغان سۆزلەيدىغاننىڭ لەۋلىرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ لېكىن لەۋزىدە تۇرغانلارغا ئۇ ئاپىرىن ئېيتار.
23پەملىك ئادەم بىلىمىنى يوشۇرار؛ بىراق ئەخمەق نادانلىقىنى جاكارلار.
24تىرىشچان قول ھوقۇق تۇتار؛ ھۇرۇن قول ئالۋانغا تۇتۇلار.
25كۆڭۈلنىڭ غەم‫‪‎-‎‬‬ئەندىشىسى كىشىنى مۈكچەيتەر؛ لېكىن مېھرىبانە بىر سۆز كىشىنى روھلاندۇرار.
26ھەققانىي كىشى ئۆز دوستى بىلەن بىرگە يول ئىزدەر؛ بىراق يامانلارنىڭ يولى ئۆزلىرىنى ئاداشتۇرار.

Read پەند-نەسىھەتلەر 12پەند-نەسىھەتلەر 12
Compare پەند-نەسىھەتلەر 12:10-26پەند-نەسىھەتلەر 12:10-26