8ھەققانىي ئادەم قىيىنچىلىقتىن خالىي قىلىنار؛ رەزىل ئادەم ئۇنىڭ ئورنىغا تۇتۇلار.
9مۇناپىقلار ئۆز ئاغزى بىلەن يېقىنىنى بۇزار؛ لېكىن ھەققانىيلار بىلىمى بىلەن قۇتقۇزۇلار.
10ھەققانىي ئادەم روناق تاپسا، شەھەر خۇش بولار؛ رەزىل ئادەم ھالاك بولسا، خەلق تەنتەنە قىلار.
11توغرىلارنىڭ بەرىكەت تىلەشلىرى بىلەن شەھەر گۈللىنەر؛ لېكىن رەزىللەرنىڭ تىلى بىلەن ۋەيران بولار.
12ئۆز يېقىنىنى سۆكىدىغان كىشى ــ ئەقىلسىزدۇر؛ ئەمما يورۇتۇلغان ئادەم ئاغزىنى يىغار.
13گەپ توشۇغۇچى مەخپىيەتلەرنى ئاشكارىلار؛ سادىق ئادەم ئامانەتكە خىيانەت قىلماس.
14يوليورۇق كەم بولسا، ئەل-يۇرت يىقىلار؛ ئۇلۇغ بىر مەسلىھەتچى بولسا، ئەل نىجات تاپار.