Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 11

پەند-نەسىھەتلەر 11:20-25

Help us?
Click on verse(s) to share them!
20نىيىتى بۇزۇق كىشى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ ئەمما يولى دىيانەتلىك كىشىلەر ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر.
21قول تۇتۇشۇپ بىرلەشسىمۇ، يامانلار جازاغا تارتىلماي قالماس؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ نەسلى نىجات تاپار.  
22چىرايلىق ئەمما تېتىقسىز خوتۇن، چوشقىنىڭ تۇمشۇقىغا ئالتۇن ھالقا سالغاندەكتۇر.
23ھەققانىيلارنىڭ ئارزۇسى پەقەت ياخشى مېۋە ئېلىپ كېلەر؛ يامانلارنىڭ كۈتكىنى غەزەپ‫‪‎-‎‬‬نەپرەتتۇر.
24بىراۋ مەردلەرچە تارقاتسىمۇ، گۈللىنەر؛ يەنە بىراۋ بېرىشكە تېگىشلىكىنى ئايىسىمۇ، پەقەت نامراتلىشار.
25مەرد ئادەم ئەتلىنەر؛ باشقىلارنى سۇغارغۇچى ئۆزىمۇ سۇغىرىلار.

Read پەند-نەسىھەتلەر 11پەند-نەسىھەتلەر 11
Compare پەند-نەسىھەتلەر 11:20-25پەند-نەسىھەتلەر 11:20-25