2تەكەببۇرلۇق بىلەن بىرگە شەرمەندىچىلىك ئەگىشىپ كېلەر؛ لېكىن دانالىق كىچىك پېئىللارغا ھەمراھ بولار.
3توغرىلارنىڭ سەمىمىيلىكى ئۆزىنى يېتەكلەر؛ لېكىن كاززاپلارنىڭ ئەگرىلىكى ئۆزىنى ۋەيران قىلار.
4خۇدانىڭ غەزەپ كۈنىدە مال-دۇنيانىڭ پايدىسى بولماس؛ لېكىن ھەققانىيەت ئادەمنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزار.
5كامىل ئادەمنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆزىنى تۈز يولغا باشلار؛ يامان ئادەم ئۆز يامانلىقىدىن يىقىلار.
6دۇرۇس ئادەملەرنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆزلىرىنى قۇتقۇزار؛ لېكىن كاززاپلار ئۆز ھىيلە-نەيرىڭىدىن تۇتۇلار.
7رەزىل ئادەم ئۆلسە، ئۇنىڭ ئۈمىدى يوققا چىقار؛ گۇناھكارنىڭ ئۈمىدى ئاخىرى قۇرۇق قالار.
8ھەققانىي ئادەم قىيىنچىلىقتىن خالىي قىلىنار؛ رەزىل ئادەم ئۇنىڭ ئورنىغا تۇتۇلار.
9مۇناپىقلار ئۆز ئاغزى بىلەن يېقىنىنى بۇزار؛ لېكىن ھەققانىيلار بىلىمى بىلەن قۇتقۇزۇلار.
10ھەققانىي ئادەم روناق تاپسا، شەھەر خۇش بولار؛ رەزىل ئادەم ھالاك بولسا، خەلق تەنتەنە قىلار.
11توغرىلارنىڭ بەرىكەت تىلەشلىرى بىلەن شەھەر گۈللىنەر؛ لېكىن رەزىللەرنىڭ تىلى بىلەن ۋەيران بولار.