Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 10

پەند-نەسىھەتلەر 10:13-28

Help us?
Click on verse(s) to share them!
13ئەقىل‫‪‎-‎‬‬ئىدراقلىك ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق تېپىلار؛ ئەقىلسىزنىڭ دۈمبىسىگە پالاق تېگەر.
14دانا ئادەملەر بىلىملەرنى زىيادە توپلار؛ لېكىن ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۇنى ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرار.
15مال‫‪‎-‎‬‬دۇنيالىرى گويا مەزمۇت شەھەردەك باينىڭ كاپالىتىدۇر؛ مىسكىننى ھالاك قىلىدىغان ئىش دەل ئۇنىڭ نامراتلىقىدۇر.
16ھەققانىيلارنىڭ ئەجىرلىرى جانغا جان قوشار، قەبىھلەرنىڭ ھوسۇلى گۇناھنىلا كۆپەيتىشتۇر.
17نەسىھەتنى ئاڭلاپ ئۇنى ساقلىغۇچى ھاياتلىق يولىغا ماڭار؛ تەنبىھلەرنى رەت قىلغان كىشى يولدىن ئازغانلاردۇر.
18ئاداۋەت ساقلىغان كىشى يالغان سۆزلىمەي قالماس؛ تۆھمەت چاپلىغانلار ئەخمەقتۇر.
19گەپ كۆپ بولۇپ كەتسە، گۇناھتىن خالىي بولماس، لېكىن ئاغزىغا ئىگە بولغان ئەقىللىقتۇر.
20ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى خۇددى ساپ كۈمۈش؛ ياماننىڭ ئويلىرى تولىمۇ ئەرزىمەستۇر.
21ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزلىرى نۇرغۇن كىشىنى قۇۋۋەتلەر؛ ئەخمەقلەر ئەقلى كەملىكىدىن ئۆلەر.
22پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا قىلغان بەرىكىتى ئادەمنى دۆلەتمەن قىلار؛ ئۇ بەرىكىتىگە ھېچبىر جاپا‫‪‎-‎‬‬مۇشەققەت قوشماس.
23ئەخمەق قەبىھلىكنى تاماشا دەپ بىلەر؛ ئەمما دانالىق يورۇتۇلغان كىشىنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر.  
24يامان كىشى نېمىدىن قورقسا شۇنىڭغا ئۇچرار؛ ھەققانىي ئادەمنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلار.
25يامان ئادەم قۇيۇندەك ئۆتۈپ يوقار؛ لېكىن ھەققانىي ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇلدەكتۇر.
26ئادەم ئاچچىق سۇ يۇتۇۋالغاندەك، كۆزىگە ئىس‫‪‎-‎‬‬تۈتەك كىرىپ كەتكەندەك، ھۇرۇن ئادەمنى ئىشقا ئەۋەتكەنمۇ شۇنداق بولار.
27پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئۆمۈرنى ئۇزۇن قىلار، ياماننىڭ ئۆمرى قىسقارتىلار.
28ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۈمىدى خۇرسەنلىك ئېلىپ كېلەر؛ لېكىن رەزىلنىڭ كۈتكىنى يوققا چىقار.

Read پەند-نەسىھەتلەر 10پەند-نەسىھەتلەر 10
Compare پەند-نەسىھەتلەر 10:13-28پەند-نەسىھەتلەر 10:13-28