7ئازارىيا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ كىشىلەر ئۇنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا دەپنە قىلدى. ئوغلى يوتام ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
8يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز سەككىزىنچى يىلىدا، يەروبوئامنىڭ ئوغلى زەكەرىيا سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئالتە ئاي سەلتەنەت قىلدى.
9ئۇ ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى؛ ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى.