Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «2» - پادىشاھلار «2» 15

پادىشاھلار «2» 15:1-30

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەروبوئامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى يىلىدا ئامازىيانىڭ ئوغلى ئازارىيا يەھۇدانىڭ پادىشاھى بولدى.   
2ئون ئالتە ياشقا كىرگەندە پادىشاھ بولۇپ يېرۇسالېمدا ئەللىك ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەكولىيا بولۇپ، ئۇ يېرۇسالېملىق ئىدى.
3ئۇ ئاتىسى ئامازىيانىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى.
4پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىدى؛ خەلق يەنىلا «يۇقىرى جايلار»غا چىقىپ قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى.
5ئەمما پەرۋەردىگار پادىشاھنى ئۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگىچە ئۇنى ماخاۋ كېسىلىگە مۇپتىلا قىلغاچ، ئۇ ئايرىم ئۆيدە تۇراتتى ۋە پادىشاھنىڭ ئوغلى يوتام ئوردىنى باشقۇرۇپ يۇرتنىڭ خەلقىنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرەتتى.
6ئازارىيانىڭ باشقا ئەمەللىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ‫‪‎-‎‬‬تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
7ئازارىيا ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ كىشىلەر ئۇنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا دەپنە قىلدى. ئوغلى يوتام ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
8يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز سەككىزىنچى يىلىدا، يەروبوئامنىڭ ئوغلى زەكەرىيا سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئالتە ئاي سەلتەنەت قىلدى.
9ئۇ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرى قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى؛ ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى.
10يابەشنىڭ ئوغلى شاللۇم ئۇنىڭغا قەست قىلىپ، ئۇنى خەلقنىڭ ئالدىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈردى ۋە ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
11زەكەرىيانىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ‫‪‎-‎‬‬تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
12ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇغا‫‪:‬‬ ــ سېنىڭ ئوغۇللىرىڭ تۆتىنچى نەسلىگىچە ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدۇ، دېگەن سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. دەرۋەقە شۇنداق بولدى.
13يابەشنىڭ ئوغلى شاللۇم يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز توققۇزىنچى يىلىدا پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە تولۇق بىر ئاي سەلتەنەت قىلدى.
14گادىنىڭ ئوغلى مەناھەم تىرزاھدىن چىقىپ، سامارىيەگە كېلىپ، يابەشنىڭ ئوغلى شاللۇمنى شۇ يەردە ئۇرۇپ ئۆلتۈردى ۋە ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
15شاللۇمنىڭ باشقا ئىشلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ قەست قىلىشلىرى، مانا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ‫‪‎-‎‬‬تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر.
16شۇ چاغدا مەناھەم تىپساھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى؛ ئۇ يەنە تىرزاھدىن تارتىپ ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق زېمىنلىرىنى ۋەيران قىلدى. ئۇلار تەن بېرىپ دەرۋازىنى ئاچمىغىنى ئۈچۈن شەھەرگە شۇنداق ھۇجۇم قىلدىكى، ھەتتا ئۇنىڭدىكى جىمى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قارنىنى يىرتىپ ئۆلتۈردى.
17يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيا سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز توققۇزىنچى يىلىدا، گادىنىڭ ئوغلى مەناھەم ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە ئون يىل سەلتەنەت قىلدى.
18ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، پۈتۈن ئۆمرىدە ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى.
19ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى پۇل ئىسرائىل زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلدى؛ ئۇ ۋاقىتتا مەناھەم‫‪:‬‬ «پادىشاھلىقىمنىڭ مۇستەھكەملىكى ئۈچۈن ماڭا ياردەم قىلغايلا» دەپ ئۇنىڭغا مىڭ تالانت كۈمۈش بەردى.   
20مەناھەم ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا بېرىدىغان شۇ پۇلنى ئىسرائىلنىڭ ھەممە باي ئادەملىرىگە باج سېلىش بىلەن ئالدى؛ ئۇ ھەربىرىدىن ئەللىك شەكەل كۈمۈش ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى قايتىپ كەتتى ۋە بۇ زېمىندا تۇرۇپ قالمىدى.
21مەناھەمنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ‫‪‎-‎‬‬تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
22مەناھەم ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە ئوغلى پەكاھىيا ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
23يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئەللىكىنچى يىلىدا، مەناھەمنىڭ ئوغلى پەكاھىيا سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى.
24ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى.
25ۋە ئۇنىڭ سەردارى رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھ ئۇنىڭغا قەست قىلىپ ئۇنى سامارىيەدە، پادىشاھ ئوردىسىدىكى قەلئەدە ئۆلتۈردى؛ شۇ ئىشتا ئارگوب بىلەن ئارىيە ۋە ئەللىك گىلېئادلىق كىشى پىكاھ تەرەپتە تۇردى؛ ئۇ پەكاھىيانى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
26پەكاھىيانىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بولسا، مانا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ‫‪‎-‎‬‬تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر.
27يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئازارىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئەللىك ئىككىنچى يىلىدا، رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھ سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، يىگىرمە يىل سەلتەنەت قىلدى.
28ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى.
29ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پىكاھنىڭ كۈنلىرىدە ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى تىگلات‫‪‎-‎‬‬پىلەسەر كېلىپ ئىيون، ئابەل‫‪‎-‎‬‬بەيت‫‪‎-‎‬‬مائاكاھ، يانوئاھ، كەدەش، ھازور، گىلېئاد، گالىلىيە، جۈملىدىن نافتالىنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى ئىشغال قىلىپ، شۇ يەردىكى خەلقنى تۇتقۇن قىلىپ، ئاسۇرىيەگە ئېلىپ باردى.
30ئەلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيا رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھغا قەست قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈردى. ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوتامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمىنچى يىلىدا، ئۇ پىكاھنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.

Read پادىشاھلار «2» 15پادىشاھلار «2» 15
Compare پادىشاھلار «2» 15:1-30پادىشاھلار «2» 15:1-30