Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «2» - پادىشاھلار «2» 10

پادىشاھلار «2» 10:9-30

Help us?
Click on verse(s) to share them!
9ئەتىگەندە ئۇ چىقىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ پۈتكۈل خالايىققا‫‪:‬‬ سىلەر بىگۇناھسىلەر؛ مانا، مەن ئۆزۈم غوجامغا قەست قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈردۈم؛ لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كىم چېپىپ ئۆلتۈردى؟
10ئەمدى شۇنى بىلىڭلاركى، پەرۋەردىگارنىڭ ھېچ سۆزى، يەنى پەرۋەردىگار ئاھابنىڭ جەمەتى توغرىسىدا ئېيتقىنىدىن ھېچبىر سۆز يەردە قالمايدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز قۇلى ئىلىياس ئارقىلىق ئېيتقىنىغا ئەمەل قىلدى، ــ دېدى.
11ئاندىن كېيىن يەھۇ يىزرەئەلدە ئاھابنىڭ جەمەتىدىن قالغانلارنىڭ ھەممىسى، ئۇنىڭ تەرىپىدىكى بارلىق ئەربابلار، دوست‫‪‎-‎‬‬ئاغىنىلىرى ۋە كاھىنلىرىنى ھېچ كىمنى قالدۇرماي ئۆلتۈردى.
12ئاندىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، سامارىيەگە باردى. يولدا كېتىۋېتىپ «پادىچىلارغا تەۋە بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەكەد»كە يەتكەندە
13يەھۇ يەھۇدا پادىشاھى ئاھازىيانىڭ قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇ ئۇلاردىن‫‪:‬‬ سىلەر كىم؟ ــ دەپ سورىدى. «ئاھازىيانىڭ قېرىنداشلىرى، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە خانىشنىڭ ئوغۇللىرىدىن ھال سورىغىلى بارىمىز، دېدى.  
14ئۇ‫‪:‬‬ ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار! دەپ بۇيرۇدى. ئاندىن ئادەملىرى ئۇلارنى تىرىك تۇتتى، ئاندىن ھەممىسىنى بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەكەدنىڭ قۇدۇقىنىڭ يېنىدا ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنى قويمىدى. ئۇلار جەمئىي قىرىق ئىككى ئادەم ئىدى.
15ئۇ ئۇ يەردىن كېتىپ بارغاندا ئۇنىڭ ئالدىغا چىققان رەكابنىڭ ئوغلى يەھونادابقا يولۇقتى. ئۇ ئۇنىڭغا سالام قىلىپ‫‪:‬‬ مېنىڭ كۆڭلۈم ساڭا سادىق بولغاندەك، سېنىڭ كۆڭلۈڭمۇ ماڭا سادىقمۇ؟ ــ دېدى. سادىق، دېدى يەھوناداب. يەھۇ‫‪:‬‬ ــ ئۇنداق بولسا قولۇڭنى ماڭا بەرگىن، دېدى. ئۇ قولىنى بېرىۋىدى، يەھۇ ئۇنى جەڭ ھارۋىسىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۆز يېنىدا جاي بېرىپ
16ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ مەن بىلەن بېرىپ، پەرۋەردىگارغا بولغان قىزغىنلىقىمنى كۆرگىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى جەڭ ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ ھەيدەپ ماڭدى.
17ئۇ سامارىيەگە كەلگەندە ئاھابنىڭ جەمەتىدىن سامارىيەدە قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تۈگەتكۈچە ئۆلتۈردى. بۇ ئىش پەرۋەردىگارنىڭ ئىلىياسقا ئېيتقان سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئىدى.
18ئاندىن يەھۇ ھەممە خالايىقنى يىغدۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ ئاھاب بائالنىڭ خىزمىتىنى ئاز قىلغان، لېكىن يەھۇ ئۇنىڭ خىزمىتىنى كۆپ قىلىدۇ.
19بۇنىڭ ئۈچۈن بائالنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىنى، ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولغانلارنىڭ ھەممىسى بىلەن بارلىق كاھىنلىرىنى ماڭا چاقىرىڭلار؛ ھېچكىم قالمىسۇن، چۈنكى بائالغا چوڭ قۇربانلىق سۇنغۇم بار؛ ھەركىم ھازىر بولمىسا جېنىدىن مەھرۇم بولىدۇ، دېدى. لېكىن يەھۇ بۇ ئىشنى بائالپەرەسلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن ھىيلىگەرلىك بىلەن قىلدى.
20شۇنىڭ بىلەن يەھۇ‫‪:‬‬ بائالغا خاس بىر ھېيت بېكىتىڭلار، دېۋىدى، ئۇلار شۇنداق ئېلان قىلدى.
21يەھۇ پۈتكۈل ئىسرائىلغا تەكلىپ ئەۋەتكەندە، بارلىق بائالپەرەسلەر كەلدى؛ ئۇلاردىن ھېچبىرى كەم قالماي كەلدى. ئۇلار بائالنىڭ بۇتخانىسىغا كىردى؛ شۇنىڭ بىلەن بائالنىڭ بۇتخانىسى بۇ بېشىدىن يەنە بىر بېشىغىچە لىق تولدى.
22ئۇ مۇراسىم كىيىمى بېگىگە‫‪:‬‬ ھەممە بائالپەرەسلەرگە ئىبادەت كىيىملىرىنى ئەچىقىپ بەر، دېۋىدى، ئۇ كىيىملەرنى ئۇلارغا ئەچىقىپ بەردى.
23يەھۇ بىلەن رەكابنىڭ ئوغلى يەھوناداب بائالنىڭ بۇتخانىسىغا كىرىپ بائالپەرەسلەرگە‫‪:‬‬ تەكشۈرۈپ بېقىڭلار، بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ بەندىلىرىدىن ھېچبىرى بولمىسۇن، بەلكى پەقەت بائالپەرەسلەر بولسۇن، دېدى.
24ئۇلار تەشەككۈر قۇربانلىقلىرى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ئۆتكۈزگىلى كىردى. يەھۇ سەكسەن ئادىمىنى تېشىدا قويۇپ ئۇلارغا‫‪:‬‬ مەن سىلەرنىڭ ئىلكىڭلارغا تاپشۇرغان بۇ ئادەملەردىن بىرسى قولۇڭلاردىن قېچىپ كەتسە، جېنىنىڭ ئورنىدا جان بېرىسىلەر، دېدى.
25ئۇلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ئۆتكۈزۈپ بولۇشىغىلا، يەھۇ ئوردا پاسىبانلىرى ۋە سەردارلارغا‫‪:‬‬ كىرىپ ئۇلارنى قەتل قىلىپ، ھېچكىمنى چىققىلى قويماڭلار، دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئوردا پاسىبانلىرى بىلەن سەردارلار ئۇلارنى قىلىچ بىسى بىلەن قەتل قىلىپ، ئۆلۈكلەرنى شۇ يەرگە تاشلىۋەتتى. ئاندىن بائالنىڭ بۇتخانىسىنىڭ ئىچكىرىگە كىرىپ
26بۇت تۈۋرۈكلەرنى بائالنىڭ بۇتخانىسىدىن ئېلىپ چىقىپ كۆيدۈرۈۋەتتى.
27ئۇلار يەنە بائالنىڭ تۈۋرۈك‫‪‎-‎‬‬ھەيكىلىنى چېقىپ، بائالنىڭ بۇتخانىسىنى يىقىتىپ ئۇنى بۈگۈنگە قەدەر ھاجەتخانىغا ئايلاندۇردى.
28يەھۇ شۇ يول بىلەن بائالنى ئىسرائىل ئىچىدىن يوق قىلدى.
29يەھۇ نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھلىرىدىن، يەنى بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەل بىلەن داندىكى ئالتۇن موزاي بۇتلىرىدىن ئۆزىنى يىغمىدى.
30پەرۋەردىگار يەھۇغا‫‪:‬‬ سەن ئوبدان قىلدىڭ؛ مېنىڭ نەزىرىمگە مۇۋاپىق كۆرۈنگىنىنى ئادا قىلىپ، ئاھابنىڭ جەمەتىگە كۆڭلۈمدىكى ھەممە نىيەتنى بەجا قىلىپ پۈتكۈزگىنىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ ئوغۇللىرىڭ تۆتىنچى نەسلىگىچە ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدۇ، دېدى.

Read پادىشاھلار «2» 10پادىشاھلار «2» 10
Compare پادىشاھلار «2» 10:9-30پادىشاھلار «2» 10:9-30