Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 5

پادىشاھلار «1» 5:10-16

Help us?
Click on verse(s) to share them!
10شۇنداق قىلىپ، ھىرام سۇلايمانغا بارلىق تەلىپى بويىچە كېدىر ياغاچلىرى ۋە ئارچا ياغاچلىرىنى بەردى.
11سۇلايمان ھىرامغا ئوردىدىكىلىرىنىڭ يېمەك‫‪‎-‎‬‬ئىچمىكىگە يىگىرمە مىڭ كور بۇغداي ۋە يىگىرمە بات ساپ زەيتۇن مېيىنى ئەۋەتىپ بەردى. ھەر يىلى سۇلايمان ھىرامغا شۇنداق بېرەتتى.
12پەرۋەردىگار سۇلايمانغا ۋەدە قىلغاندەك ئۇنىڭغا دانالىق بەرگەنىدى. ھىرام بىلەن سۇلايماننىڭ ئارىسىدا ئىناقلىق بولۇپ، ئىككىسى ئەھدە تۈزۈشتى.
13سۇلايمان پادىشاھ پۈتۈن ئىسرائىلدىن ھاشارغا ئىشلەمچىلەرنى بېكىتتى، ئۇلارنىڭ سانى ئوتتۇز مىڭ ئىدى.
14ئۇ بۇلارنى نۆۋەت بىلەن ھەر ئايدا ئون مىڭدىن لىۋانغا ئەۋەتەتتى؛ شۇنداق قىلىپ، ئۇلار بىر ئاي لىۋاندا تۇرسا، ئىككى ئاي ئۆيىدە تۇردى. ئادونىرام ھاشارچىلانىڭ ئۈستىدە تۇراتتى.
15سۇلايماننىڭ يەتمىش مىڭ ھاممىلى، تاغلاردا ئىشلەيدىغان سەكسەن مىڭ تاشچىسى بار ئىدى.
16ئۇنىڭدىن باشقا سۇلايماننىڭ مەنسەپدارلىرىدىن ئىش ئۈستىگە قويۇلغان ئۈچ مىڭ ئۈچ يۈز ئىش بېشى بار ئىدى؛ ئۇلار ئىشلەمچىلەرنى باشقۇراتتى.

Read پادىشاھلار «1» 5پادىشاھلار «1» 5
Compare پادىشاھلار «1» 5:10-16پادىشاھلار «1» 5:10-16