Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 2

پادىشاھلار «1» 2:34-46

Help us?
Click on verse(s) to share them!
34يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا چىقىپ ئۇنى چېپىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدى. ئاندىن ئۇ چۆلدىكى ئۆز ئۆيىدە دەپنە قىلىندى.
35پادىشاھ يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ئۇنىڭ ئورنىغا قوشۇننىڭ سەردارى قىلدى؛ پادىشاھ ئابىئاتارنىڭ ئورنىغا زادوكنى كاھىن قىلىپ تەيىنلىدى.
36ئاندىن كېيىن پادىشاھ شىمەينى چاقىرىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ يېرۇسالېمدا ئۆزۈڭگە بىر ئۆي سېلىپ ئۇ يەردە ئولتۇرغىن. باشقا ھېچ يەرگە چىقما.
37ئەگەر سەن چىقىپ كىدرون جىلغىسىدىن ئۆتسەڭ، شۇنى ئېنىق بىلىپ قويكى، شۇ كۈندە سەن شەكسىز ئۆلىسەن. سېنىڭ قېنىڭ ئۆز بېشىڭغا چۈشىدۇ، دېدى.
38شىمەي پادىشاھقا‫‪:‬‬ ــ غوجامنىڭ سۆزى بەرھەقتۇر. غوجام پادىشاھ ئېيتقاندەك قۇللىرى شۇنداق قىلىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن شىمەي ئۇزۇن ۋاقىتقىچە يېرۇسالېمدا تۇردى.
39ئۈچ يىلدىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، شىمەينىڭ قۇللىرىدىن ئىككىسى قېچىپ مائاكاھنىڭ ئوغلى، گاتنىڭ پادىشاھى ئاقىشنىڭ قېشىغا باردى. شىمەيگە‫‪:‬‬ ــ مانا قۇللىرىڭ گات شەھىرىدە تۇرىدۇ، دېگەن خەۋەر يەتكۈزۈلدى.
40شىمەي ئېشىكىنى توقۇپ قۇللىرىنى ئىزدىگىلى گاتقا، ئاقىشنىڭ يېنىغا باردى. ئاندىن ئۇ يېنىپ ئۆز قۇللىرىنى گاتتىن ئېلىپ كەلدى.
41سۇلايمانغا‫‪:‬‬ ــ شىمەي يېرۇسالېمدىن گاتقا بېرىپ كەلدى، دەپ خەۋەر يەتكۈزۈلدى.
42پادىشاھ شىمەينى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مەن سېنى پەرۋەردىگار بىلەن قەسەم قىلدۇرۇپ‫‪:‬‬ ــ شۇنى ئېنىق بىلىپ قويكى، سەن قايسى كۈنى چىقىپ بىرەر يەرگە بارغان بولساڭ، سەن شۇ كۈنىدە شەكسىز ئۆلىسەن، دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتمىغانمىدىم؟ ئۆزۈڭمۇ، مەن ئاڭلىغان سۆز بەرھەق، دېگەنىدىڭغۇ؟
43شۇنداق بولغانىكەن، نېمىشقا ئۆزۈڭ پەرۋەردىگار ئالدىدا قىلغان قەسىمىڭنى بۇزۇپ، مەن ساڭا بۇيرۇغان بۇيرۇقۇمنىمۇ تۇتمىدىڭ؟ ــ دېدى.
44پادىشاھ شىمەيگە يەنە‫‪:‬‬ سەن ئاتام داۋۇتقا قىلغان ھەممە رەزىللىكنى ئوبدان بىلىسەن، ئۇ كۆڭلۈڭگە ئاياندۇر. مانا پەرۋەردىگار رەزىللىكىڭنى ئۆز بېشىڭغا ياندۇرىدۇ.
45لېكىن سۇلايمان پادىشاھ بولسا بەرىكەتلىنىپ، داۋۇتنىڭ تەختى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئەبەدىلئەبەد مۇستەھكەم قىلىنىدۇ، دېدى.
46ئاندىن پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا چىقىپ ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى. پادىشاھلىق بولسا سۇلايماننىڭ قولىدا مۇستەھكەم قىلىندى.

Read پادىشاھلار «1» 2پادىشاھلار «1» 2
Compare پادىشاھلار «1» 2:34-46پادىشاھلار «1» 2:34-46