Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 2

پادىشاھلار «1» 2:10-41

Help us?
Click on verse(s) to share them!
10داۋۇت ئۆز ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋلىرى بىلەن بىر يەردە ئۇخلىدى. ئۇ «داۋۇتنىڭ شەھىرى» دېگەن جايدا دەپنە قىلىندى.  
11داۋۇتنىڭ ئىسرائىلغا سەلتەنەت قىلغان ۋاقتى قىرىق يىل ئىدى؛ ئۇ ھېبروندا يەتتە يىل سەلتەنەت قىلىپ، يېرۇسالېمدا ئوتتۇز ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى.
12سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇردى؛ ئۇنىڭ سەلتەنىتى خېلى مۇستەھكەملەندى.
13ئەمما ھاگگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا سۇلايماننىڭ ئانىسى بات‫‪‎-‎‬‬شېبانىڭ قېشىغا باردى. ئۇ ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ تىنچلىق مەقسىتىدە كەلدىڭمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ‫‪:‬‬ ــ شۇنداق، تىنچلىق مەقسىتىدە، دېدى.
14ئۇ يەنە‫‪:‬‬ ــ ساڭا بىر سۆزۈم بار ئىدى، دېدى. ئۇ‫‪:‬‬ ــ سۆزۈڭنى ئېيتقىن، دېدى.
15ئۇ‫‪:‬‬ ــ بىلىسەنكى، پادىشاھلىق ئەسلىدە مېنىڭكى ئىدى، ۋە پۈتۈن ئىسرائىل مېنى پادىشاھ بولىدۇ دەپ، ماڭا قارايتتى. لېكىن پادىشاھلىق مەندىن كېتىپ، ئىنىمنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇ ئۇنىڭكى بولدى.
16ئەمدى ساڭا بىر ئىلتىماسىم بار. مېنى ياندۇرمىغىن، دېدى. ئۇ‫‪:‬‬ ــ ئېيتقىن، دېدى.
17ئۇ‫‪:‬‬ ــ سەندىن ئۆتۈنىمەن، سۇلايمان پادىشاھقا مەن ئۈچۈن ئېيتقىنكى ــ چۈنكى ئۇ ساڭا ياق دېمەيدۇ! ــ ئۇ شۇناملىق ئابىشاگنى ماڭا خوتۇنلۇققا بەرسۇن، دېدى.
18بات‫‪‎-‎‬‬شېبا‫‪:‬‬ ــ ماقۇل؛ سەن ئۈچۈن پادىشاھقا سۆز قىلاي، دېدى.
19بات‫‪‎-‎‬‬شېبا ئادونىيا ئۈچۈن سۆز قىلغىلى سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئالدىغا باردى. پادىشاھ قوپۇپ ئالدىغا بېرىپ، ئانىسىغا تەزىم قىلدى. ئاندىن تەختىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ پادىشاھنىڭ ئانىسىغا بىر تەختنى كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ
20ساڭا كىچىككىنە بىر ئىلتىماسىم بار. مېنى ياندۇرمىغىن، دېدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئى ئانا، سوراۋەرگىن، مەن سېنى ياندۇرمايمەن، دېدى.
21ئۇ‫‪:‬‬ ــ ئاكاڭ ئادونىياغا شۇناملىق ئابىشاگنى خوتۇنلۇققا بەرگۈزگىن، دېدى.
22سۇلايمان پادىشاھ جاۋاب بېرىپ ئانىسىغا‫‪:‬‬ ــ نېمىشقا ئادونىيا ئۈچۈن شۇناملىق ئابىشاگنى سورايسەن؟ ئۇ ئاكام بولغانىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئابىئاتار كاھىن ئۈچۈن ۋە زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب ئۈچۈن پادىشاھلىقنىمۇ سورىمامسەن! ــ دېدى.
23سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگار بىلەن قەسەم قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ ئادونىيا شۇ سۆزنى قىلغىنى ئۈچۈن ئۆلمىسە، خۇدا مېنى ئۇرسۇن ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق جازالىسۇن!
24مېنىڭ ئورنۇمنى مۇستەھكەم قىلغان، ئاتامنىڭ تەختىدە ئولتۇرغۇزغان، ئۆز ۋەدىسى بويىچە ماڭا بىر ئۆينى قۇرغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئادونىيا بۈگۈن ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىنىدۇ، دېدى.  
25شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان پادىشاھ يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى بۇ ئىشقا ئەۋەتتى؛ ئۇ ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى.
26پادىشاھ ئابىئاتار كاھىنغا‫‪:‬‬ ــ ماڭ، ئاناتوتتىكى ئۆز ئېتىزلىقىڭغا بارغىن. سەن ئۆلۈمگە لايىقسەن، لېكىن سەن رەب پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئاتام داۋۇتنىڭ ئالدىدا كۆتۈرگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، ۋە ئاتامنىڭ تارتقان ھەممە ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەتلىرىدە ئۇنىڭغا ھەمدەرد بولغىنىڭ ئۈچۈن، مەن ھازىر سېنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايمەن، دېدى.
27ئاندىن سۇلايمان ئابىئاتارنى پەرۋەردىگارغا كاھىن بولۇشتىن جۇدا قىلىپ ھەيدىدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەلىنىڭ جەمەتى توغرۇلۇق شىلوھدا ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.  
28بۇنىڭ خەۋىرى يوئابقا يەتكەندە (چۈنكى يوئاب ئابشالومغا ئەگەشمىگەن بولسىمۇ، ئادونىياغا ئەگەشكەنىدى) يوئاب پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا قېچىپ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىنى تۇتتى.
29سۇلايمان پادىشاھقا‫‪:‬‬ «مانا، يوئاب پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا قېچىپ بېرىپ، قۇربانگاھنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ» دېگەن خەۋەر يەتكۈزۈلدى. سۇلايمان يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى شۇ يەرگە ئەۋەتىپ‫‪:‬‬ ــ ماڭ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن، دېدى.
30بىنايا پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا بېرىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ «پادىشاھ سېنى بۇياققا چىقسۇن!» دېدى، دېدى. ئۇ‫‪:‬‬ ــ ياق، مۇشۇ يەردە ئۆلىمەن، دېدى. بىنايا پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇنىڭغا خەۋەر بېرىپ‫‪:‬‬ ــ يوئاب مۇنداق‫‪‎-‎‬‬مۇنداق دېدى، ماڭا شۇنداق جاۋاب بەردى، دېدى.
31پادىشاھ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئۇ ئۆزى دېگەندەك قىلىپ، ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈرگىن ۋە ئۇنى دەپنە قىلغىن. شۇنىڭ بىلەن يوئاب تۆككەن ناھەق قان مەندىن ۋە ئاتامنىڭ جەمەتىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەي.
32شۇنداق قىلىپ ئاتام داۋۇت بىخەۋەر ئەھۋالدا ئۇ ئۆزىدىن ئادىل ۋە ئېسىل ئىككى ئادەمنى، يەنى ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر بىلەن يەھۇدانىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى قىلىچلىغىنى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇ تۆككەن قاننى ئۆز بېشىغا ياندۇرىدۇ.
33ئۇلارنىڭ قېنى يوئابنىڭ بېشى ۋە نەسلىنىڭ بېشىغا مەڭگۈ يانغاي؛ لېكىن داۋۇت، ئۇنىڭ نەسلى، جەمەتى ۋە تەختىگە ئەبەدىلئەبەدگىچە پەرۋەردىگاردىن تىنچ‫‪‎-‎‬‬خاتىرجەملىك بولغاي، دېدى.
34يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا چىقىپ ئۇنى چېپىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدى. ئاندىن ئۇ چۆلدىكى ئۆز ئۆيىدە دەپنە قىلىندى.
35پادىشاھ يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ئۇنىڭ ئورنىغا قوشۇننىڭ سەردارى قىلدى؛ پادىشاھ ئابىئاتارنىڭ ئورنىغا زادوكنى كاھىن قىلىپ تەيىنلىدى.
36ئاندىن كېيىن پادىشاھ شىمەينى چاقىرىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ يېرۇسالېمدا ئۆزۈڭگە بىر ئۆي سېلىپ ئۇ يەردە ئولتۇرغىن. باشقا ھېچ يەرگە چىقما.
37ئەگەر سەن چىقىپ كىدرون جىلغىسىدىن ئۆتسەڭ، شۇنى ئېنىق بىلىپ قويكى، شۇ كۈندە سەن شەكسىز ئۆلىسەن. سېنىڭ قېنىڭ ئۆز بېشىڭغا چۈشىدۇ، دېدى.
38شىمەي پادىشاھقا‫‪:‬‬ ــ غوجامنىڭ سۆزى بەرھەقتۇر. غوجام پادىشاھ ئېيتقاندەك قۇللىرى شۇنداق قىلىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن شىمەي ئۇزۇن ۋاقىتقىچە يېرۇسالېمدا تۇردى.
39ئۈچ يىلدىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، شىمەينىڭ قۇللىرىدىن ئىككىسى قېچىپ مائاكاھنىڭ ئوغلى، گاتنىڭ پادىشاھى ئاقىشنىڭ قېشىغا باردى. شىمەيگە‫‪:‬‬ ــ مانا قۇللىرىڭ گات شەھىرىدە تۇرىدۇ، دېگەن خەۋەر يەتكۈزۈلدى.
40شىمەي ئېشىكىنى توقۇپ قۇللىرىنى ئىزدىگىلى گاتقا، ئاقىشنىڭ يېنىغا باردى. ئاندىن ئۇ يېنىپ ئۆز قۇللىرىنى گاتتىن ئېلىپ كەلدى.
41سۇلايمانغا‫‪:‬‬ ــ شىمەي يېرۇسالېمدىن گاتقا بېرىپ كەلدى، دەپ خەۋەر يەتكۈزۈلدى.

Read پادىشاھلار «1» 2پادىشاھلار «1» 2
Compare پادىشاھلار «1» 2:10-41پادىشاھلار «1» 2:10-41